ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    ئۆزىمىزنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35696796.html

    جاۋابى – پەقەتلا قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق. بۇ قان تەكشۈرۈشنى كېسەللىكلەر ئالدىنى ئېلىش پونكىتى، دوختۇرخانا ۋە بەزى ئامبولاتورىيەلەردە قىلغىلى بولىدۇ.

    ھازىر ھەر قايسى جايلاردىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، چوڭ دوختۇرخانىلار ۋە بەزى مەھەللە كومتېتلىرىدە VCT(ئەيدىز توغىرسىدا ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش) ئورۇنلىرى قورۇلدى. بۇ مۇلازىمەت پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، سىزگە ئەيدىز توغىرسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى بىر قاتار كۈزىتىش ۋە مۇلازىمەتلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تەكشۈرتكۈچى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى توغىرلىق توغرا ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى پەقەت مەسلىھەت بەرگۈچى خادىملا بىلىدۇ ۋە سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلايدۇ. لېكىن تەكشۈرتۈش ياكى تەكشۈرتمەسلىكنى ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىڭىز قارار قىلىسىز.

     

    تەكشۈرۈش ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرسى ئىلغاش تەكشۈرۈشى. بۇ تەكشۈرۈشنى قىلىش ئۈچۈن VCTئورنىدا قان ئېلىپ، تەجىرىبىخانىغا يوللاپ تەكشۈرىدۇ ۋە نەتىجىسى پەقەتلا سىزگە بېرىلىدۇ، ھەم تەكشۈرۈشنىڭ ئالدى كەينىدە سىزگە مەسلىھەت بېرىلىدۇ.

    ئەگەر ئىلغاش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى HIV، يەنى يۇقۇملانغان دەپ چىققان بولسا، ئىككىنچى قېتىم يەنە جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئادەتتە جەزىملەشتۈرۈش سىنىقى دېيىلىدۇ.

    ئەگەر ئىلغاش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى HIV-، يەنى يۇقۇملانمىغان دەپ چىققان بولسا، بەلكىم سىز يۇقۇملانمىغان بولۇشىڭىز ياكى يۇقۇملىنپ كۆزنەك دەۋرىدە تۇرىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەت  بەرگۈچى خادىم سىزنىڭ يەنە 3 ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

     

     ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنى ۋىرۇسقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ يەنە ئانتېتلا رىئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.  تەكشۈرۈشتە ئانتېتلا تەكشۈرۈلىدۇ. دىمەك ئانتېتلانىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. قان تەكشۈرگەندە بۇ خىل ئىنكاسنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنى بىز كۆزنەك دەۋرى دەيمىز. ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا كۆزنەك دەۋرى ئادەتتە 2ھەپتىدىن 3ئايغىچە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىدىن گۇمان قىلغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى 12ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرتۈشى لازىم. بىراق بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، يەنى بۇ مەزگىلدە گەرچە ئانتېتلانى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمىسىمۇ ۋىرۇسنىڭ يەنىلا يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى بولىدۇ.يەنى بۇ ئادەم ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرالايدۇ.

     

    بوۋاقلارنى تەكشۈرۈش يۇقارقىلارغا سەل ئوخشىمايدۇ. بوۋاق 18 ئايلىق بولغىچە بوۋاقنىڭ تېنىدە ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ دىگەنلىك بوۋاق شۇ ياشقا توشمىغىچە ئۇنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئورۇنسىز. چۈنكى ئۇنىڭ قېنىدىكى ئانتېتلا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسىدۇر. 18 ئايدىن كېيىن تەكشۇرگەندە، بوۋاق ئۆزىنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسى يېتىلىپ ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، شۇ چاغدا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ، ئەگەر بوۋاق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانسا، تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز، ئاغرىقچان ۋە يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، بۇمۇ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدۇر.

     

    ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشكە دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان سۇئاللار   

    1. ئەيدىز كېسىلىنى نەگە بېرىپ تەكشۈرتىمىز ؟

    تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى ھەر قايسى ئەيدىز توغىرسىدا ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش (VCT)نۇقتىلىرىدا، شەھەرلىك(رايونلۇق)كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى(فاڭيىزەن)دە ياكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارغا  بېرىپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ .

     

    2.ئەگەر مەن بارسام، ئۇلار نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟

    قان ئېلىشنىڭ ئالدىدا خىزمەتچى خادىملار سىزگە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۇرتۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ ۋە بەزى مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سورايدۇ . خىزمەتچى خادىملار بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان شىپرىس ئارقىلىق بىلەكتىن 5 مىللىلېتىر قان ئالىدۇ .

     

    3.ئۇلار مەندىن نىمە ئۈچۈن تەكشۈرتىدىغىنىمنى سورامدۇ ؟

    ئۇلار سىزدىن بەزى ئاساسىي ئەھۋاللارنى سورايدۇ، مەسىلەن يېشىڭىز، نىمە ئۈچۈن تەكشۇرتىدىغانلىقىڭىز ؟.... بۇ  سۇئاللار سىزنىڭ تەكشۈرتىشىڭىز كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ۋاقىت تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

     

    4. باشقىلاربىلەن بىللە كېلىپ تەكشۈرتسەم بولامدۇ ؟

    بولىدۇ .

     

    5.ئانتېتىلا تەكشۈرتۈشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ ؟

    دەسلەپكى ئىلغاش تەكشۈرۈشىنى دۆلەت ھەقسىز قىلىپ بېكىتكەن، جەزىملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشىگە 200يۈەن كېتىدۇ(بۇلارنى فاڭيىزەندىن سۈرۈۈشتۈرۈپ بىلىۋېلىپ ئاندىن جاۋاپ بېرىڭ). بىراق دۆلەتنىڭ تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈدىغانلار، ھامىلدار ئاياللار، بالىلار (يۇقۇملانغان ئانىدىن تۇغۇلغان بالا ) ۋە تۈرمىدىكىلەرگە قارىتا بۇ ھەقنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە سىياسەتلىرى بار .

     

    6.باشقىلار مېنىڭ تەكشۈرتكىنىمنى ئۇقۇپ قالارمۇ؟

    ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە مەخپىيەتلىك ساقلىنىدۇ، بەزى رايونلاردا چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ ئاندىن تەكشۈرتىدۇ، لىكىن شۇ كىشىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى مۇتلەق مەخپى ساقلىنىدۇ، بۇلارنى پەقەت سىز بىلەن مەسلىھەت بەرگۈچى(ياكى دوختۇر)لا بىلىدۇ.

     

    7.ئەگەر تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈشنىڭ نەتىجىسى مەنپى(-) بولسا قانداق قىلىمەن ؟

    مەسلىھەت بەرگۈچى سىزگە مەنپى نەتىجىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    l              ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانمىغان

    l              بەلكىم كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، مەلۈم ۋاقىتتىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك.( كونكېرت ۋاقتىنى دوختۇر سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ)

    l              بۇ مەزگىلدە خەتەرلىك ھەركەت قىلىشتىن ساقلىنىش ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك، مەسىلەن پاكىزە بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش ياكى بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىپ، ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار.

     

    8. ئەگەر قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى مۇسپەت(+) بولسا قانداق قىلىمەن؟

    مەسلىھەت بەرگۈچى سىزگە مۇسپەت(+) چىققاندىكى نەتىجىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    l              ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقنى بىلدۈرىدۇ،

    l              سىزگە روھى جەھەتتىن مەدەت بىرىدۇ.

    l              سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغان ئاساستا ئۆيىڭىزدىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ،جۆرىڭىزنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىۋى بېرىدۇ.

    l              يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سىزنىڭ CD4 ھۈجەيرىڭىزنى تەكشۈرۈش كېرەك. بۇندىن كېيىن سىز قەرەللىك ھالدا بۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىڭىزنىڭ ھالىتىنى كۈزىتىپ تۇرۇشىڭىز لازىم. مەسىلەن،ئەگەردەCD4 ھۈجەيرىسى300دىن يۇقىرى بولسا، ھەريېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىسىز، ئەگەردەCD4 ھۈجەيرىسى300 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ۋىروسقا قارشى داۋالاشقا قاتنىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

     

    9. ئەگەر جەزىملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولمىسا قانداق قىلىمەن؟

    مەسلىھەت بەرگۈچى سىزگە جەزىملەشتۈرۈش سىنىقىنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولمىغانلىقنىڭ نەتىجىسى ۋە  مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ .

    l              بەلكىم يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇشى مۇمكىن.

    l              يەنە 3 ئايدىن كىيىن قايتا بىر جەزىملەشتۈرۈش تەكشۈرۈش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ

    l              ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    l              سىزگە روھى جەھەتتىن مەدەت بىرىدۇ.

     

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.