-
2009-02-25
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى - [ئەيدىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35696465.html
قانداق ئالدىنى ئالىمىز ؟
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ تەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. شۇڭلاشقا ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىشتىن (تېگىشىشتىن)ساقلىنىشىمىز كېرەك.
قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالساقلا، .ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاسان.
قاندىن يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇملانغان قان بىلەن ئۇچىرىشىشتىن ساقلانساقلا بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇكۇل ئارقىلىق زەھەر چەككۈچى بولسىڭىز، ھەردائىم يېڭى ياكى دېزىنفىكسىيە قىلىنغان ئۇكۇل ئىشلەتسىڭىز; ئەگەر سىز داۋالىنىش سەۋەبلىك قان سالدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، بىخەتەر قان ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ھازىر مۇشۇ رايۇندىكى بىر نەچچە جايدا ئۇكۇل ئالماشتۇرۇش تۈرى يولغا قۇيۇلدى. يەنى سىز ئىشلىتىپ بولغان ئۇكۇلنى ئۇ يەرگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز سىز يەنە بىر دانە ئۇكۇلغا ھەقسىز ئېرىشىسىز. يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق سىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان قان بىلەن ئۇچىرىشىشتىن ساقلىنىپ قالىسىز ياكى ئۇكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. يەنە، ساقال ئالغاندا، قاش –كۆز چەكتۈرگەندە، بەدەنگە گۈل چەكتۈرگەندە ئىشلەتكەن ئەسۋاپلارنىڭ يېڭى ياكى دىزىنفىكسىيە قىلىنغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئەڭ ياخشىسى جىنسى ھەۋىسىنى چەكلەش ياكى ئۆزىنىڭ جۆرىسى بىلەنلا كۇپايىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇش(ئەلۋەتتە ئۇمۇ سىزگە سادىق بولۇشى كېرەك); ئەگەر ئايالىڭىزدىن باشقا جىنسى جۆرىڭىز بولسا، جىما (جىنسى مۇناسىۋەت) جەريانىدا ئىزچىل گاندوك ئىشلىتىش كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشمايدىغان قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاشلا بىخەتەر. مەسىلەن: سۆيۈشۈش، بەدەنلىرىنى سىيلاش، ئۇۋىلاش، قۇچاقلاش دىگەندەك.
ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: بالىلىق بولۇش ئاياللارنىڭ ھېچكىممۇ تارتىۋالالمايدىغان ھوقۇقى ئەلۋەتتە. بىراق ئەگەر ئۇ ئايال يۇقۇملانغان بولسا بالىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئاندىن قارار چىقىرىشى، يولدىشى بىلەن بىرگە تىببى خادىملاردىن قانداق قىلىپ بالىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش توغرىسىدا ئوبدان مەسلىھەت سورىشى كېرەك. ئەر-ئاياللار پەرزەنىتلىك بولۇشتىن ئىلگىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈپ باقسا، بۇمۇ ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇت مەزگىلىدە داۋالىنىش ئارقىلىق ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ خەتىرىنى 30 پىرسەنتكە چۈشۈرگىلى بولىدۇ(بىراق جۇڭگودا داۋالىنىش پۇرسىتى ئىنتايىن چەكلىك ھەم داۋالىنىش ھەققى بەكلا قىممەت). بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ياكى ئېمىتمەسلىك مەسىلىسىنى يەنىلا شۇ يەردىكى دوختۇرخانىلاردىن مەسلىھەت سورىغان تۈزۈك. چۈنكى بوۋاقنىڭ ئانا سۈتى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 5-20 پىرسەنتكىچە بولىدۇ. ئەگەر ئانا يېقىندىلا يۇقۇملانغان بولسا، بالىغا يۇقۇش خەتىرى سەل يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. بىراق ئانا سۈتى بىلەن باقمىغاندا يەنە ئويلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پايدىسىز ئامىللار بار، مەسىلەن: مۇشۇ جايدىن مۇۋاپىق بولغان، ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان نەرسىنى تاپقىلى بولامدۇ؟ سۈت پاراشۇكى ئۈچۈن پاكىزە سۇ بارمۇ؟ ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى ئىچى سۈرۈش يۈز بەرسە قانداق قىلىمىز؟ يۇقارقىدەك بەزى شارائىتلاردا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش باشقا نەرسىلەر بىلەن بېقىشقا قارىغاندا پايدىلىق بولىدۇ. ئىشقىلىپ بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان. ئەڭ ياخشىسى قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى دوختۇردىن تەپسىلى مەسلىھەت سوراپ ئاندىن ئىش كۆرگەن تۈزۈك.
ئەسكەرتىش: "قايچىسىمان يۇقۇش" – ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلار داۋاملىق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا، بۇنىڭمۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە بىر-بىرىگە يېقىنچىلىق قىلىشى ئىنسانچىلىقتىكى نورمال ئىش. بىراق ۋىرۇسنىڭ ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ تېنىدىكى HIV ئازدۇر-كۆپتۇر تىپ جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچى يەنە ئوخشىمىغان تىپتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانسا، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندوك ئىشلىتىش ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ئىنتايىن زۆرۈر.
历史上的今天:
قان راكى ياكى ئاق قان بىمارلىرىغا 2009-02-25ئاق قان بىمارلىرىغا ياردەم قىلامسىز؟ 2009-02-25يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە كۈتۈش 2009-02-25پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟ 2009-02-25