-
2009-02-25
ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى - [ئەيدىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35696314.html
ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك يوللاردىن يۇقىدۇ:
قاندىن يۇقىدۇ، يەنى باشقىلار بىلەنئوكۇل-شپېرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن،ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن يۇقىدۇ.تەپسىلى دىگەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۇكۇل يىڭنىسى ياكى شپېرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىشتۇر. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئوكۇل ئارقىلىق زەھەر چەككەندىن كېيىن يىڭنە ۋە ئىشپېرىسلاردا ئاز مىقداردا قان تۇرۇپ قالىدۇ، ئەگەر باشقا بىرەيلەن مۇشۇ يىڭنە ياكى ئىشپىرىسنى يەنە ئىشلەتسە، قان قالدۇقلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاستىلا ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ-دة، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت. 2004-يىلى خېبېي،خېنەننىڭ بەزى يېزىلىرىدا دېھقانلارنىڭ تۈركۈملەپ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قان سودىگەرلىرىگە قان سېتىشتىن يۇقۇملانغانلىقى ئىسپاتلاندى، مانا بۇ بىر تىپىك مىسال. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزدە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىر تۈركۈم قاناشقا مايىللىق كېسىلى بار بىمارلارنىڭ ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.
جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ
قوغدىنىشسىز(گاندوك ئىشلىتىلمىگەن)جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا، جىنسى ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچىرايدۇ-دە، سپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسى ئەزا سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىۋىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇشۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەقئەت ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسى يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسى يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.
ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسى كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسى كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسى ئەزاسىدا جاراھەتلەر بولغاچقا، ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدۇ-دة، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسى كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسى كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋىپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.
ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ
يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى%13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسى كېسىلى بار-يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كېسلاتاسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنى ئەمدۇرگەندە ئانا سۈتىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
بوۋاق تۇغۇلۇپ18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بىراق بوۋاق ھەقىقى يۇقۇملانغان بولسا كېسەلچان بولىدۇ ھەم سالامەتلىكىمۇ ناچار بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ؟
يۇقۇملانغۇچى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدۇ. مەسىلەن: يۇقۇملانغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قۇچاقلاشقاندا، بىللە تاماق يېگەندە، تېلېفون، مۇنچا ھاجەتخانىلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقمايدۇ.
ھاشارەت ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرمايدۇ، بىراق كىشىلەر دائىم پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرامدۇ دەپ سورايدۇ. پاشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپات يوق. سەۋەبى بۇنىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇشنىڭ شەرتى ھازىرلانمايدۇ. ئالدى بىلەن پاشا ئادەمنى چاققاندا ئاۋۋال چاققان ئادەمنىڭ قېنىنى ئىككىنچى ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتمەيدۇ. پاشا پەقەتلا ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى چاققان ئورۇنغا چىقىرىپ ئاندىن چاقىدۇ. ئاندىن قالسا، پاشىنىڭ نەشتىرىدىكى قان قالدۇقلىرىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ۋىرۇس ئىنسانلارغىلا خاس ۋىرۇس بولۇپ، ئۇ ھاشارەتنىڭ تېنىدە ياشىيالمايدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى ئۈچۈن ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، يەنى يۇقۇملانغۇچى بولۇشى، تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان يېتەرلىك مىقداردىكى بەدەن سۇيۇقلۇقى( قان، سپېرما سۇيۇقلۇقى، ئاياللارنىڭ جىنسى يول سۇيۇقلۇقى ۋە ئانا سۈتى) بولۇشى ۋە مۇشۇ سۇيۇقلۇق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك. مانا بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقماسلىقنىڭ سەۋەبى.
历史上的今天:
قان راكى ياكى ئاق قان بىمارلىرىغا 2009-02-25ئاق قان بىمارلىرىغا ياردەم قىلامسىز؟ 2009-02-25يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە كۈتۈش 2009-02-25پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟ 2009-02-25