ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-13

    ئەيدىز توغىرسىدا دەسلەپكى چۈشەنچە - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35146776.html

    ئەيدىز بولسا ئېنگىلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. (كىلىنكىدا CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى 200 ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغان ۋاقتىنى AIDS دەپ ئاتايدۇ)

    A- Acquired يەنى "ئېرىشمە" دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت تاشقى مۇھىتتىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    I- Immune يەنى" ئىممۇنىت" دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    D- Deficiancy يەنى"كەمچىللك" دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    S- ٍSyndrome يەنى "ئۇنۋېرسال ئالامەت" دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ھەممىسنى بىرلەشتۈرگەندە، "ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى" بولىدۇ. بۇ بولسا ئەيدىزنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتالغۇسىدۇر.

     

    HIV  (ئەيدىز ۋىرۇسى) نى چۈشەندۈرۈش

    Human- H ئىنگىلىزچە "ئىنسان" دىگەنلىك بولۇپ، ئىنسانغا، يەنى ئادەملەرگىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ھايۋانلارغا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    - I"Immunodeficiency يەنى "ئىممۇنىتېت كەملىك" دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىكلەردىن قوغداپ تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا كەملىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    - V Virus يەنى "ۋىرۇس" دىگەنلىك بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك مەنبەسىنىڭ ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

         يىغىپ ئېيتقاندا، HIV"ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتىلىشىدۇر.

    ۋىرۇس باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكروبلارغا ئوخشىمايدۇ(مەسلەن: ۋىرۇس بىلەن باكتىرىيە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ)، چۈنكى ۋىرۇسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر خىل يۇقۇملىنىش بولۇپ، بىز دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتەلەيمىز، بىراق بۇ خىل يۇقۇملىنىشنى تەلتۆكۈس ساقايتالمايمىز.HIV ھاۋادا، كېيىم- كېچەك ياكى يىمەك- ئىچمەكتە بولمايدۇ، پەقەت ئادەم تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. HIV (يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى) قاندا، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىدا، جىنسى يول ئاجىرالمىلىرىدا ۋە ئانا سۈتىدە بولىدۇ.

    شۇڭا، HIV بىلەن AIDS نىڭ پەرقىنى ئېنىقلىۋالايلى.HIV(ئەيدىز ۋىرۇسى) مەلۇم يوللارئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس.AIDS بولسا HIVدىن يۇقۇملىنىپ، خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزۇلۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. HIVبولسا ۋىرۇس، AIDSبولسا بەدەننى پۇتۇنلەي مەغلۇپ قىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ يىغىندىسى.

    ئادەم ئەيدىز (AIDS)دىن يۇقۇملانمايدۇ، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن(HIV) يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئەيدىز(كېسىلى)گە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگىچە بولغان ۋاقىت ھەر بىر ئادەمنىڭ كونكېرىت ئەھۋالى ۋە باشقا ئامىللارغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ۋاقىت ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن8-10 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.

     

     

    بىزنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىمىز قانداق نەرسە؟

         بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بەدىنىمىزنى قوغداپ تۇرىدىغان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسىگە ئوخشاتساق بولىدۇ. بۇ ئارمىيىدىكى ھەرخىل ئەسكەرلەر (ھۈجەيرىلەر) بىرلىشىپ، سىرتتىن كىرگەن تاجاۋۇزچىلارغا(ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق مىكروبلارغا) تاقابىل تۇرىدۇ. ئىممۇنىتېت سېستىمىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تەركىبى قىسمى- تېرىمىزدۇر، تېرىمىز كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل چاڭ-توزاڭ، كېسەللىك باكتىرىيىلىرى  ۋە ۋىرۇسلىرىنى بەدەن سىرتىدا قالدۇرۇپ، قان سېستىمىمىزغا كىرىشىنى توسىدۇ. يەنە مەسىلەن ئېيتساق، ئىچى سۈرۈش كۆپىنچە باكتىرىيەلەردىن بۇلغانغان يىمەكلىكلەرنى يەپ سېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىمىزدىكى  ھۈجەيرىلەر(جەڭچىلەر) بۇ خىل باكتىرىيەلەرنى يوقىتىپ،سالامەتلىكىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

         HIVئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋىرۇس بولۇپ، ئەگەر تېنىمىز ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئىممۇنىتېت سېستىمىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى جەڭچى ھۈجەيرىلەر ئىچىگە كىرىۋالىدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت سېستىمىمىز ھەرخىل يۇقۇملىنىشلارغا قارشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا، يۇقۇملىنىشقا ۋە راكقا قارىشى ھەرخىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ، HIVمانا مۇشۇ خىل ھۈجەيرىلەرگە چاپلىشىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدۇ. ئاخىرىدا HIVئاستا-ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئىگەللەپ، بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇسقا قارىشى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن باياتىنقى ئويۇندىن كۆرگىنىمىزدەك، ھەرخىل كېسەللىك ئامىللىرى بەدەنگە بۆسۈپ كىرىپ، راك ياكى باشقا خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    Immunu sys

        ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، بىراق ئەنسىرىمەڭ! ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۈچۈن قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى Bھۈجەيرە ۋە T ھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم.

    Bھۈجەيرە—ئاساسلىقى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.

    Tھۈجەيرە—تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكىT4 (ياكىCD4) دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ.

    ئىممونت سېستىمىسى بىر مۇكەممەل سېستىما. ئەگەر CD4ھۈجەيرىسى نورمال خىزمەت قىلالمىسا، پۈتكۈل سېستىما ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

    ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئالاھىدە يۇقۇملىنىشتىن ياكى ئىممۇنېت سېستىمىسى ۋىرۇسنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن ھەر خىل ئۈنۋېرسال ئالامەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ نەتىجىسى.

     

    بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تاكى شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارلىقنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ:

    كۆزنەك مەزگىلى: بۇ مەزگىل تەخمىنەن 2 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارشىلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە 50-80% ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېمپىراتورىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىسىگە ئەسۋە چىقىش دىگەندەك كىچىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتېتلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتېتلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنفى، يەنى "يۇقۇملانمىغان" بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر يېڭى يوقۇملانغۇچى كۆزنەك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قان تەغدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ-دة، كېيىن شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا خەتەرلىك ھەرىكەت(ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دىگەندەك)  بىلەن شوغۇللانغاندىمۇ قارشى تەرەپكە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.

    (قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بەدەنگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىمىغانلىقتىن، CD4 ھۈجەيرىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئاندىن CD4 ھۈجەيرە ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتۈپ، يوشۇرۇن مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.)

     

    يۇشۇرۇن مەزگىل: تەخمىنەن 7-10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر ياخشى كۈتۈلسە، كۆپ روھى بېسىم بولمىسا 15يىل ھەتتا 20 يىلغىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ۋىرۇسقا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆرەش قىلىش جەريانىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋىرىدۇ. مۇشۇ 7-10 يىل جەريانىدا زۇكامداش، قىزىپ قېلىش ياكى قورسىقى ئاغرىش دىگەندەك كىچىك كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنداق ئالامەتلەر ساغلام ئادەمدىمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىمۇ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئۆزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.

    (قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشى بىلەن CD4ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ-دة، بىر پۈتۈن ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.)

     

    كېسەللىك مەزگىلى: تەخمىنەن 1-3 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى تەلتۈكۈس دىگۈدەك بۇزغان مەزگىل بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئاجىزلىغان سەۋەبلىك ھەرخىل پۇرسەتلىك كېسەللەر، مەسلەن: ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دىگەندەك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ھەرخىل ئۆسمىلەر (راك) پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەن باشقا خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسى كېسىلى بار- يوقلۇقى، زەھەر چېكىش- چەكمەسلىكى، روھىي ھالىتى ۋە شۇنداقلا ئەتىراپتىكى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ياخشى كۈتۈلسە، روھى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال يۈرسە، بۇ مەزگىلنىمۇ ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇپ مەزگىلگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.

    (قوشۇمچە: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىر يىلدا تەخمىنەن 50دانە  CD4ھۈجەيرىسىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەسلەپتە مىڭ دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دىسەك، 12ئايدىن كېيىن 950دانىسى قالىدۇ. يەنە 12ئايدىن كېيىن 900دانىسى قالىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىساق 500دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دېسەك بۇ ئادەمنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئوتتۇراھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. پەقەتلا 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا بۇئادەم ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقمۇ بىر قەدەر زور بولۇپ بەلكىم بىرسى 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل قوزغىلىشقا باشلىسا، يەنە بىرىسى 20دانە  CD4ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ يەنە كېسەل قوزغالماسلىقى مۇمكىن. )

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.