ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 1999-11-30

    مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش توغىرسىدا - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35147900.html

    مېتادون ئارقىلىق قامداپ داۋالاش دېگىنىمىز ئۇزۇن مەزگىل مېتادون ئىچىش ئارقىلىق خىروئىن خۇمارىنى يوقىتىدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىسخولوگىيلىك داۋالاش، قىلمىشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇنۋېرسال تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاخىرىدا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ۋە زەھەرگە بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

     مېتادون دىگەن نىمە؟

     ئۇ بىر خىل سۈنئى ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن مەست قىلغۇچى دورا بولۇپ، دۆلەت قاتتىق باشقۇرىدىغان مەست قىلىش تۈرىدىكى دورىغا تەۋە. مېتادون ئارقىلىق خىروئىن ۋە ئەپيۇننىڭ خۇمارىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

    ھازىر دۆلىتىمىزدە مېتادون ئارقىلىق قامداپ داۋالاشتا ئىشلىتىۋاتقان مېتادون بولسا بىر خىل سۇيۇق دورا.

    مېتادوننى ئىچكەندە خىروئىننىڭ خۇمارىنى 24 سائەتتىن 36 سائەتكىچە بېسىپ تۇرالايدۇ، ئەگەر قامداپ داۋالاشتا مېتادوننىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بېرىلسە، ئىچكۈچىدە تېنچلىنىش ياكى روھلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئەكىس تەسىرىمۇ ئاز بولىدۇ. شۇڭا مېتادون ئىچكۈچى نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.