-
جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى 2تىپلق ئاددىي قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي ئەزاسىدىكى يۇقۇملىنىش بۇلۇپ ،كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى كۆپىيىش ئەزا يارىسىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
مەنبەسى:
ئاساسەن ئاددى قوقاق ۋىروسى2تىپى بۇلۇپ ،ئۇنىڭدىن قالسا 1تىپلىقى بۇلىدۇ .ۋىروسنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى ئاجىز ،ئېفىر ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ھەمدە ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيە دورىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆلىدۇ.
يۇقۇش يوللىرى:
ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ(بالياتقۇ ئىچى ۋە تۇغۇت يولى يۇقۇملىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ئالامىتى:
يۇشۇرۇن دەۋرى 10-2 كۈن، ئادەتتە 5-4كۈن بولىدۇ.
بىرلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى: سىرتقى جىنسىي ئەزا ھەم مەقئەت ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە پاراللىل تارقالغان،ئاغرىيدىغان،قىزىل داغ ئاساسىدىكى توپلاشما كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ.دائىم قىزىش،باش ئاغرىش،مۇسكۇللار