-
2009-05-20
جىنسى ئەزا قاپارتمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39652986.html
جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى 2تىپلق ئاددىي قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي ئەزاسىدىكى يۇقۇملىنىش بۇلۇپ ،كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى كۆپىيىش ئەزا يارىسىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
مەنبەسى:
ئاساسەن ئاددى قوقاق ۋىروسى2تىپى بۇلۇپ ،ئۇنىڭدىن قالسا 1تىپلىقى بۇلىدۇ .ۋىروسنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى ئاجىز ،ئېفىر ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ھەمدە ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيە دورىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆلىدۇ.
يۇقۇش يوللىرى:
ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ(بالياتقۇ ئىچى ۋە تۇغۇت يولى يۇقۇملىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ئالامىتى:
يۇشۇرۇن دەۋرى 10-2 كۈن، ئادەتتە 5-4كۈن بولىدۇ.
بىرلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى: سىرتقى جىنسىي ئەزا ھەم مەقئەت ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە پاراللىل تارقالغان،ئاغرىيدىغان،قىزىل داغ ئاساسىدىكى توپلاشما كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ.دائىم قىزىش،باش ئاغرىش،مۇسكۇللار ئاغرىش،يىرىق لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ، چوڭىيىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئالامەتلىرى بىرگە كۆرۈلىدۇ،3-5 كۈندىن كېيىن سۇلۇق قاپارتما يېرىلىپ يارا شەكىللەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا قاقاچ بولۇپ ساقىيىدۇ. تېرە ۋە پۈتۈن بەدەنلىك كېسەل ئالامىتى ئادەتتە 2-3ھەپتە ئىچىدە پەسىيىدۇ.
ئىككىلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى-بىرلەمچى يۇقۇملىنىپ 1-4 ئايدا پەيدا بولىدۇ.ئىككىلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنىڭ كېسەل ئالامىتى ۋە بەدەن بەلگىلىرى بىرلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنىڭكىدىن يېنىك بولۇپ،6-10 كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ. ئادەتتە چوقۇم قوزغىتىش سەۋەبى بولىدۇ. ئەمگەك قىلىپ ھارغاندا،زۇكام بولغاندا ھەمدە جىنسىي تۇرمۇش زىيادە كۆپ بولغاندا قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ.
داۋالاش:
ACN (阿杰洛韦) كۈنىگە ㎎200 دىن بەش قېتىم، بىرلەمچى بىمارلار 10 كۈن، ئىككىلەمچى بىمارلار بەش كۈن ئىچىدۇ.
يەرلىك ئورۇننى داۋالاش:﹪3لىك ACNدىن ياكى %1لىك پېنسىلوۋېر ياكى %3لىك فتىبامزون(酞丁胺擦剂) نى سۈرتۈپ بەرسە بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
- بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
- باشقىلار بىلەن لۆڭگە، ۋاننا، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
بىمارلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
- يۇقىرىدىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش لازىم.
- ھېرىپ-چارچاشتىن، زۇكامداپ قېلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇ ئىشلار كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
- شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىش، يەرلىك ئورۇننىڭ پاكىزە ھەم قۇرغاقلىقىنى ساقلاش كېرەك.
- ئاكتىپ داۋالاش كېرەك، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى كۈچەيگەندە، جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنىڭ قوزغىلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
- قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش داۋالاش ئۈنۈمىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز داۋالاش ياكى داۋالىماسلىقنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا بىمارلار چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.
- جىنسىي ھەمراھىنى بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
历史上的今天:
جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى 2009-05-20چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقىنى داۋالاش 2009-05-20ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش 2009-05-20يۇمشاق شانكىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش 2009-05-20