-
2009-05-20
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39653036.html
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى جىنسىي ئەزا سۆگىلى ياكى جىنسىي كېسەل سۆگىلى دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ ئادەم شورىغۇسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپىيىش ئەزا تېرە شىلىمشىق پەردە يۈزە قەۋىتىدىكى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
مەنبەسى:
ئادەم شورىغۇسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى
يۇقۇش يوللىرى:
جىنسىي ئۇچرىشىشنى ئاساس قىلىدۇ،ئۇنىڭدىن قالسا ۋاستىلىك ئۇچرىشىش،ئانىدىن بالىغا تارقىلىش قاتارلىقلارمۇ بار.
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرى:8-1 ئاي،ئوتتۇرىچە ئۈچ ئاي بولىدۇ.
ئاسان قوزغىلىدىغان ئورۇن: سىرتقى جنسىي ئەزاسى ھەم مەقئەت يېنىدىكى تېرە شىلىمشىق پەردىسى،ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنىڭ مەقئەت ھەم تۈز ئۈچەيدە ئاسان قوزغىلىدۇ.
تېرە زەخمىسى ئالاھىدىلىكى: ئادەتتە ھېچقانداق ئاغرىق بولمايدۇ. دەسلەپتە دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ،تەدرىجىي چوڭىيىپ شورىغۇسىمان ھالەتكە، چىچەكسەيدەك ھەمدە توخو تاجىسىدەك سۆگەلسىمان ئۆسمىگە ئايلىنىدۇ.يۈزى تەكشى بولمايدۇ.يىلتىز قىسمىنىڭ ھەممىسىدە ساپىقى بولۇپ، ئاسان قاناپ ۋە شەلۋەرەپ، سۇيۇقلۇق چىقىپ تۇرىدۇ.
داۋالاش:
نۆۋەتتە كىلىنكىدا سۆگەل تەنچىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئاساس قىلىدۇ.ۋىرۇسقا قارشى، ئۆسۈشكە قارشى ھەم ئىممۇنىتېتنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇنۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلى قوشۇمچە قوللىنىلىدۇ. كىچىكرەك سۆگەل تەنچىسىنى سىرتىغا سىرتىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار بىلەن داۋالايدۇ.چوڭراق سۆگەل تەنچىسىنى فىزىكىلىق ئۇسۇل بىلەن داۋالايدۇ. جىنسىي ھەمراھىنى بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرتۈش ھەم داۋالاش لازىم.
1. خىمىيىلىك داۋالاش
(1) %0.5 لىك سۇيېساۋ ئوتى توكسىنى تىنكتورىسى(足叶草毒素酊): ھەر كۈنى ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇنغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچ كۈن دورا ئىشلىتىپ، تۆت كۈن توختىتىدۇ. ئەگەر ئاز ساندىكى سۆگەل تەنچە قالدۇقى بولسا، قايتا بىر كۇرس ئىشلەتسە بولىدۇ.
(2) %5 لىك 5-فلوروئۇراتسىل مەلھىمى (FU_5): سىرتقا ئىشلىتىلىدۇ.كۈنىگە 1-2 قېتىم. ئەتراپتىكى نورمال تېرە شىللىق پەردىسىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.ھامىلدارلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
(3) %50 لىك خلوروئاتسېتىك كىسلاتا ئېرىتمىسى سىرتقا ئىشلىتىلىدۇ.كۈنىگە بىر قېتىم، ئەتراپتىكى نورمال تېرە شىللىق پەردىسىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. فىزىكىلىق داۋالاش: كاربون تۆت ئوكسىدلىق لازىر نۇرىدا ياكى توڭلىتىپ ياكى توك بىلەن كۆيدۈرۈپ داۋالىنىدۇ،ياكى ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ.
3. ئىممۇنىتلىق داۋالاش: توسالغۇ ماددا ئۆسۈشكە قارشى، ۋىرۇسقا قارشى، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىممۇنىتېت تەڭشەش رولىغا ئىگە بولۇپ، قوشۇمچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر قېتىمدا 100 تۈمەندىن 300 تۈمەن بىرلىك مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ئاز دېگەندە تۆت ھەپتە،8-12 ھەپتىگىچە ئىشلەتسە بولىدۇ. تېرە زەخمىسىنىڭ ئىچىگە 100 تۈمەن بىرلىكنى ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا توققۇز قېتىم ئوكۇل قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
باشقىلار بىلەن لۆڭگە، ۋاننا، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
بىمارلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
- يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە،دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش لازىم.
- داۋالالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.
- سىرتتىن سۈرىلىدىغان دورىلار تېرىنى بەلگىلىك ھالدا غىدىقلايدۇ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش، ئۆزى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بولمىغاندا ساق تېرىنىمۇ زەخمەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت يەرلىك ئورۇننىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
- ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالىغاندىن كېيىن قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن، بىراق ئەندىشە قىلماسلىق كېرەك. ئۈزمەي داۋالىغاندا كېسەللىك مەنبەسىنى يوقىتىپ، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارى ئېشىپ، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
- قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش داۋالاش ئۈنۈمىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز داۋالاش ياكى داۋالىماسلىقنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا بىمارلار چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.
- جىنسىي ھەمراھىنى بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
历史上的今天:
جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى 2009-05-20چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقىنى داۋالاش 2009-05-20يۇمشاق شانكىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش 2009-05-20