ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-20

    چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقىنى داۋالاش - [جىنسى كېسەل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39653089.html

    چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقى- بىر خىل بىخلىما گۆش كاپسۇللۇق تاياقچە باكتېىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مەقئەت، سىرتقى جىنسىي ئەزا چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش توقۇلمسىدىن ئۆسۈپ چىققان داغ پارچىلىرىنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك.

    مەنبەسى:

    بىخلىما گۆش كاپسۇللۇق تاياقچە باكتىرىيىسى

    يۇقۇش يولى:

     ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ.

    ئالامىتى:

     يوشۇرۇن دەۋرى 8-80 كۈنگىچە بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىدە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن 30 كۈندە كېسەل قوزغىلىدۇ.

    تېرە زەخمىسى ئورنى: ئاساسەن كۆپىيىش ئەزاسىدا بولۇپ، مەقئەت ئەتراپى، چات ئارلىقى ھەمدە يۈزىدىمۇ پەيدا بولىدۇ.

    تېرە زەخمىسى ئالاھىدىلىكى: بىرلەمچى زەخىملىنىش ئاغرىمايدىغان كىچىك دۆڭچە ئەسۋە ياكى تېرە ئاستى تۈگۈنچىدە ئىپادىلىنىپ، بۇلار تەدرىجىي ھالدا يارا شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە كېڭىيىدۇ.

    كېسەل ئاسارىتى:

    دائىم تاتۇق شەكىللىنىش سەۋەبىدىن لىمفا تۈگۈن نەيچىسى توسۇلۇپ،سىرتقى كۆپىيىش ئەزاسىدا ساختا پىل تېرىسىدەك ئىششىقنى، ناكارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    داۋالاش:

    ئازىترومىتسېندىن ɡ1 ھەپتىدە بىر قېتىم، ئاز دېگەندە ئۈچ ھەپتە؛ ياكى مۇرەككەپ گاننانو(复方新诺明) دىن ئىككى تالدىن كۈنىگە ئىككى قېتىم،داۋالاش كۇرسى ئاز دېگەندە ئۈچ ھەپتە بولىدۇ؛ ياكى تېتراتسىكلىن ياكى ئېرىترومىتسىن كۈنىگە تۆت قېتىم، ھەر قېتىمداɡ0.5 دىن ئىچىلىدۇ. داۋالاش كۇرسى ئاز دېگەندە ئۈچ ھەپتە بولىدۇ.

    ئالدىنى ئېلىش:

    1. بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    2.باشقىلار بىلەن لۆڭگە، ۋاننا، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.