ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-20

    جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى - [جىنسى كېسەل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39653263.html

    تامچە قۇرت كېسەللىرىدە جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ تامچە قۇرت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش،كۆپىيىش ئەزاسى يۇقۇملىنىشچانلىققا ئىگە كېسەللىكتۇر.

    مەنبەسى: جىنسىي يول تامچە قۇرتى

    ئالامىتى:

    يوشۇرۇن دەۋرى: 3-28 كۈن،ئوتتۇرىچە يەتتە كۈن بولىدۇ.

    ئاياللاردا: جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىپ ۋە نورمالسىز بولۇپ،سېرىق يېشىل رەڭلىك كۆپۈكچە ھالەتتە بولىدۇ. سېسىق پۇرايدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ. ئۆزىدە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش سېزىمى بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى دوۋساق ياللۇغىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تەكشۈرگەندە سىرتقىي جىنسىي ئەزاسى ۋە جىنسىي يول دىۋارىدا قان داغلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا جىنسىي يول دىۋارى ۋە بالىياتقۇ بوينىدا دانىچە شەكىلدىكى قان ئۇيۇتمىلىرى بولىدۇ.(بالىياتقۇ بوينى بۆلجۈرگەندەك بولۇپ قالىدۇ).

    ئەرلەر: يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆپىنچىسىدە ھېچقانداق كېسەل ئالامىتى بولماستىن قۇرت توشۇش ھالىتىدە بولۇپ، جۆرىسى ياكى جىنسىي ھەمراسىنىڭ قايتا-قايتا يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەمما ئەرلەردە يەنە غەيرىي خاس سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئىپادىلىنىدۇ.

    داۋالاش:

    مېترونىدازول 400، كۈندە ئىككى قېتىم، جەمئىي 7-5 كۈنگىچە ئىچىلىدۇ؛ ياكىɡ2 نى بىرلا قېتىم ئىچسىمۇ بولىدۇ.

    ئاز ساندىكى جاھىل خارەكتېرلىك جىنسىي يول تامچە قۇرتى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللەردە تۆۋەندىكى لايىھىنى ئويلاشسا بولىدۇ: مېترونىدازولنى 400 دىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ئۇدا يەتتە كۈن ئىچىش بىلەن بىللە، مېترونىدازول جىنسىي يول شامچە دورىسىدىن بىر تالدىن كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇدا يەتتە كۈن سېلىنىدۇ؛ ياكى مېترونىدازول ɡ2 دىن كۈنىگە بىر قېتىم ئۇدا 3-5 كۈنگىچە ئىچىلىدۇ.

    دىققەت: جىنسىي ھەمراھى بىللە داۋالىنىدۇ.

    ئالدىنى ئېلىش:

     بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    باشقىلار بىلەن لۆڭگە، ۋاننا، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.