-
2009-05-21
خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى - [قىزىل كرېست]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39700899.html
خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى
خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار قىزىل كرېست خەلقئارا كومتېتى، قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلىك قىزىل كرېست ياكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى، بۇ ئۈچ تەشكىلات بىرلىكتە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان (مەيلى ئۇ قەيەردە يۈز بەرسۇن)ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە (بۇ ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى)يېنىكلىتىش، ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش، ئىنسانى غورۇرىغا كاپالەتلىك قىلىش( بولۇپمۇ قوراللىق توقۇنۇش ۋە باشقا جىددى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە)، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىختىيارى مۇلازىمەت(پىدائى) كە رىغبەتلەندۈرۈش، قىزىل كرېست ئەزالىرىنى ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ يەتتە ئاساسى پىرىنسىپى
قىزىل كرېست جەمئىيىتى تۆۋەندىكى يەتتە ئاساسىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغان ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
1. ئىنسانپەرۋەرلىك: خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى ئەسلى جەڭ مەيدانىدىكى يارىدارلارنى ھېچقانداق كەمسىتمەستىن قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىپ بارلىققا كەلگەن. قىزىل كرېست ھەرىكىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنساننىڭ غۇرۇرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىنسانلار ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.
2. ئادىللىق: قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى، ئىرقى، دىنى ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە سىياسى كۆز قارىشى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ، پەقەت كىشىلەر موھتاج بولسىلا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كىشىلەر ئۇچىراۋاتقان ئازاپ- ئوقۇبەتلەرنى يەڭگىللىتىدۇ، ھەم ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ئالدى بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
3. بىتەرەپلىك: قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ تۇرىدۇ( مەلۇم بىرسىگە يان باسمايدۇ)، ھەر قانداق چاغدا سىياسى، ئىرقى، دىنى ۋە ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى دەتالاشلارغا ئارىلاشمايدۇ.
4. مۇستەقىللىق:قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى مۇستەقىل ھەرىكەتتۇر،گەرچە ھەر قايسى دۆلەت قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى ياردەمچىسى بولسىمۇ ھەم شۇ دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىسىمۇ، ئەمما يەنىلا خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ پىرىنسىپى بويىچە مۇستەقىل ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
5. ئىختىيارى مۇلازىمەت: خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى باشقىلارغا ئىختىيارى ياردەم قىلىشنى خالايدىغان، بۇ ئارقىلىق ھەر قانداق شەكىلدىكى پايدا- مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمايدىغان پىدائىيلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
6. بىرلىكلىك: ھەر قانداق دۆلەتتە پەقەت بىرلا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ياكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بولىدۇ ۋە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ياردىمى ئېلىپ بارىدۇ.
7. ئومۇميۈزلۈك: خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى دۇنياۋى خارەكتېرلىك ھەرىكەتتۇر. ھەرىكەت جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەت قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ ئورنى باراۋەر بولىدۇ، ئوخشاش مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ئۆز- ئارا ياردەم بېرىدۇ.