ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-21

    جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39701716.html

    جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بىردىنبىر قىزىل كرېست تەشكىلاتى،  شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش تەشكىلى، خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى.

    جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق ۋە تەقدىم ئېتىشتەك قىزىل كرېست روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تېنچلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان.

    جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەڭ بۇرۇن 1904-يىلى قۇرۇلغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، 1950-يىلى 8-ئايدا قايتا تەشكىللىنىپ، 1952-يىلىدىن باشلاپ قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسىدىكى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

    ھازىر جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قىزىل كرېست قانۇنى بويىچە، ئاپەتكە تەييارلىق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش، سەھىيە جىددى قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قىزىل كرېست روھىنى تەرغىپ قىلىش، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىل كرېست ياش-ئۆسمۈرلىرى تەربىيىسى، قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرىنى باشقۇرۇش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش تەرەپتىكى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرماقتا.

    يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى گوۋۇيۈەن ئەيدىزنى تىزگىنلەش كومتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە چەتئەل قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ھەمدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجىرىبىلەرنى توپلىدى. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ھەر قايسى ئۆلكىلىك ( ئاپتونوم رايونلۇق) شۆبىلىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئەيدىز سەۋەبلىك كەمسىتىلىشنى ئازايتىش، يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى ئائىلىدە كۈتۈش، يۇقۇملانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش،  كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مەھەللە قاتارلىق ئورۇنلاردا ياشلار، جىنسى مۇلازىمەتچىلەر، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا تەڭتۇشلار تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.