-
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋرلىك، ئادىللىق، مۇستەقىللىق .......... قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك پىرىنسىپقا ئاساسەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. قىزىل كرېستنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى "ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەر خىل بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىيىنىنى تۆۋەنلىتىش"، "ئاسان زىيان زەخمەتكە ئۇچرايدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش"، "تېنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش" تىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە، ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان كېسەللىك بولۇپ، تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە دائىرسىنىڭ كەڭلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ. قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك خىزمەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا قويۇپ كەلمەكتە.
-
2009-05-21
جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى
جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بىردىنبىر قىزىل كرېست تەشكىلاتى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش تەشكىلى، خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى.
جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق ۋە تەقدىم ئېتىشتەك قىزىل كرېست روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تېنچلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان.
جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەڭ بۇرۇن 1904-يىلى قۇرۇلغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، 1950-يىلى 8-ئايدا قايتا تەشكىللىنىپ، 1952-يىلىدىن باشلاپ قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسىدىكى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
-
قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى ھەر قايسى دۆلەت قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان، ئىلگىرى «خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1999-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
« خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى» ئەسلى 1-دۇنيا ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 1919-يىلى ئامېرىكا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى داۋىدسوننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ مەقسىتى
-
2009-05-21
قىزىل كرېست بەلگىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى - [قىزىل كرېست]
-
2009-05-07
PKUئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلەيلى - [ساخاۋەتلىك ئىشلار]
PKU يەنە فېنېل كېتون سىيىش كېسىلى (苯丙酮尿症) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەم تېنىدىكى PAH دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقدىغان، شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ماددا مېتابولىزىمى توسالغۇغا ئۇچراپ، قاندىكى فېنېل كېتوننىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، بىمار بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك ۋە فىزئولوگىيىلىك نورمالسىزلىق كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك.
بۇ خىل بالىلار تۇغۇلغاندا نورمال تۇغۇلىدۇ، 3-4 ئايدىن كېيىن ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئالامەتلىرى جىلە بولۇش، يىغلاش،تارتىشىپ قېلىش، ئاسان ئەسۋە چىقىش، قوپاللىشىش، جىم تۇرماسلىق ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىقلار. يەنە بۇنىداق بالىلارنىڭ تېرىسى ئاق، چېچى سېرىق ۋە جانسىز كېلىدۇ، كېچىسى تولا سىيىدۇ، سۈيدۈكى چاشقان پۇرايدۇ، ئايىقى چىققاندىن كېيىنمۇ يول ماڭسا تۈز ماڭالمايدۇ، ئەگەر ئېغىرلاشسا قول-پۇت ھەرىكىتى، گەپ-سۆزى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ.