-
2009-05-07
PKUئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلەيلى - [ساخاۋەتلىك ئىشلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39044943.html
بۈگۈن ، يەنى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى 8-ماي قىزىل كرېست كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەتراپىمىزدىكى ئاجىز كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە سەپەرۋەر قىلىش يۈزىسىدىن
PKU ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىش ئىئانە قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 12 PKU ئۆسمۈر ۋە ئاتا-ئانىسى قاتناشتى. بۇلار ئاساسەن ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى، مەكىت قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن دېھقانلار، ئىشچىلار بولۈپ، كۆپىىنچىسى ئىشتىن قالغان نامىرات ئائىلىلەر. ئىگىلىنىشىچە شىنجاڭدا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار 80 نەچچە نەپەر بولۇپ، بۇ بالىلار ئادەتتىكى تاماقنى يىيەلمەيدىكەن، يىسە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلى ئېقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرايدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىدىكەن، شۇڭا بىر ئۆمۈر بىر خىل مەخسۇس ئىشلەنگەن يېيىش تەس بولغان ھەم ئىنتايىن قىممەت ئالاھىدە يېمەكلىكنى يېيىش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. بىر بالىنىڭ ھەر ئايلىق ئالاھىدە يېمەكلىك چىقىمى 1500يۈەندىن3000يۈەنگىچە بولىدىكەن.شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ PKU بالىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان بولۇپ، شۇ كۈنى قىزىل كرېست جەمئىيىتى، سەھىيە نازارىتى، پىلانلىق توغۇت كومتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق 6 ئورگان بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى PKU ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغان ۋە شۇنڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم ئىئانە توپلاش پائالىيتى ئويۇشتۇرۇش، چوڭ كارخانا-ئورگانلارغا بېرىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تا ھازىرغىچە 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە يىغىلغان، بۇ قېتىملىقى 3- قېتىملىق ياردەم بېرىش پائالىيىتى بولۇپ، پائالىيەتتە يۇقارقى 12 نەپەر بالىغا جەمئى 43مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئالاھىدە يېمەكلىك تارقىتىپ بېرىلدى.
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ PKU بالىلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى ۋە پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ PKU بۆلۈمىگە 10584يۈەن تەكشۈرۈش پۇلىنى تاپشۇردى. بۇ پۇل ئارقىلىق ھەرقانداق PKU ئۆسمۈر 3 يىلغىچە(2009-يىلى 6-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە) جەمئى 36 قېتىم(ھەرئايدا بىر قېتىم) مۇشۇ بۆلۈمدە ھەقسىز قان تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىمۇ مۇشۇ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ساخاۋەتلىك ئىش قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ قېتىم باھادا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىپ ئەسلىدىكى 35 يۈەن تەكشۈرۈش ھەققىنى 7 يۈەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن.
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى بۇ پائالىيەتنى باشلاپ ھازىرغىچە مۇشۇنداق پائالىيەتنى 3 قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى 79 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ياردەم پائالىيىتى قاپلىغان ئادەم سانى پۈتۈن شىنجاڭدىكى PKU بىمارلىرىنىڭ 53%نى ئىگىلىگەن. يەنە PKU بىمارلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە تىببى خادىملارغا 2 قېتىم كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ئائىلىدە پەرۋىش قىلىش بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن. بۇلارغا قارىتا پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەشكىللىگۈچىسى بولغان شىنجاڭ ئېۋگېنىزىم ئىلمى جەمئىيىتى ئېغىر ئىرسىيەت كېسەللىكى(PKU)نىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش كەسپى كومتېتى(新疆优生科学协会严重遗传病-PKU防治专业委员会)يۇقىرى باھا بەردى ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن ئاتا-ئانىلار، بىمار بالىلارغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە تەشەككۈر بىلدۈردى.
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاخىرىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، تېنىچلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ ۋەكىلى بولغان قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بۇ پائالىيەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا پايدىلىق خالىس خەيرى- ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
PKU يەنە فېنېل كېتون سىيىش كېسىلى (苯丙酮尿症) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەم تېنىدىكى PAH دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقدىغان، شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ماددا مېتابولىزىمى توسالغۇغا ئۇچراپ، قاندىكى فېنېل كېتوننىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، بىمار بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك ۋە فىزئولوگىيىلىك نورمالسىزلىق كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك.
بۇ خىل بالىلار تۇغۇلغاندا نورمال تۇغۇلىدۇ، 3-4 ئايدىن كېيىن ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئالامەتلىرى جىلە بولۇش، يىغلاش،تارتىشىپ قېلىش، ئاسان ئەسۋە چىقىش، قوپاللىشىش، جىم تۇرماسلىق ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىقلار. يەنە بۇنىداق بالىلارنىڭ تېرىسى ئاق، چېچى سېرىق ۋە جانسىز كېلىدۇ، كېچىسى تولا سىيىدۇ، سۈيدۈكى چاشقان پۇرايدۇ، ئايىقى چىققاندىن كېيىنمۇ يول ماڭسا تۈز ماڭالمايدۇ، ئەگەر ئېغىرلاشسا قول-پۇت ھەرىكىتى، گەپ-سۆزى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ.
ئەگەر بالىغا PKU دەپ دىئاگىنوز قويۇلسا دەرھال داۋالىتىش كېرەك، قانچە كچىىك داۋالاشنى باشلىسا داۋالاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، 3 ئايلىق بولۇشتىن بۇرۇن داۋالىسا ئەڭ ياخشى. 3 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن داۋالىسا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ئەمما ئەقلى كەمتۈكلۈك ۋە بەدەندىكى نورمالسىزلىقنى مەلۈم دەرىجىدا ياخشىلاشقا بولىدۇ.
تۆۋەن Phe بىلەن داۋالاش ھازىرقى زاماندىكى PKUنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش چارىسى، مۇھىم نۇقتا يەنىلا Phe نىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى تىزگىنلەش، يەنى بەدەنگە كېرەكلىك بولغان Phe نى يەتكۈزۈپ بېرىش ئەمما مىقدارىنى ئاشۇرىۋەتمەسلىك ھەمدە Phe نىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، زەھەرلىك ماددىغا ئايلىنىپ، بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ۋە يېتىلىشىنى زەخمىلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. شۇنىڭ ئۈچۈن PKU بالىلار بىر ئۆمۈر تۆۋەن Phe لىق يېمەكلىك دەپ ئاتالغان ئالاھىدە يېمەكلىكنى يەيدۇ.
ئۇنداقتا قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟
1- تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش، بۇ ئارقىلىق PKU گېنى بار ئەر-ئاياللارنىڭ توي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
2- ھامىلدار ۋاقىتتا تەكشۈرتۈش. بىر تەرەپنىڭ جەمەتىدە مۇشۇ خىل كېسەللىك تارىخى بولغانلار، 2-بالىغا ھامىلىدار بولغان دەسلەپكى ۋاقتىدا ۋە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭدىكى داۋالاش ئورگانلىرى، مەسئۇل دوختۇر ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى
لەنجۇ ھەربى رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى كىلىنىكا مېدىتسىنا تەتقىقات ئورنى، چوۋ دوڭخۈي،
يۈ ۋۇجوڭ 4992839-0991
ش ئۇ ئا ر خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمى ۋاڭ شياۋۋېن 8563283-0991
ش ئۇ ئا ر خەلق دوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمى لى مىڭجۇ، لى لوڭ 8563268-0991
شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمى، لى مىڭشيا 4366103 -0991
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى نېرۋا بۆلۈمى چېڭ شى 2324924-0991
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمى جياڭ لەن 2333470-0991
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلاردوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمى ۋۇ گاۋچياڭ، ليۇ سۇيۈن 8198246
8560539-0991