ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-20

    سىفىلىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش-2 - [جىنسى كېسەل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39652783.html

    ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس

    يۇقۇملنىپ ئىككى يىللار ئۆتكەندە بۇرمىسىمان تەنچە ھەرقايسى ئەزالارغا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كېسەللىك ئالامىتىدىمۇ زور پەرقلەر بولىدۇ، بۇ دەۋردە يۈز ياكى پۇت-قول تېرىلىرىدە سىفلىس ئۆسمىلىرى پەيدا بولىدۇ. بەزىلىرى يۈزى بۇزۇلۇپ شەلۋەرلەيدۇ، كېسەللىك ئېغىزى بوشلۇقىدا كۆرۈلگەندە يۇمشاق تاڭلاي، كىچىك تىل، تىل قاتارلىق ئورۇنلار زەخمىلىنىپ يارىلىنىشى، ھەتتا تېشىلىشى مۇمكىن. سۆڭەك، يىلىك قاتارلىقلاردىمۇ زەخمىلىنىش كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئاساسىي ئارتېرىيە قاتارلىقلاردىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. نېرۋا سىستېمىسى زەخمىگە ئۇچرىغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پالەچلىك، گالۋاڭلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن.

    دەسلەپكى باسقۇچلۇق تۇغما سىفلىس كۆپرەك ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردابولىدۇ. تېرە، ئېغىز بوشلۇقى، مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا قېنىق قىزىلرەڭلىك ياكى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك  ئۆسمىسىمان ئۆزگىرىشنى كۆرگىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئەسۋىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ۋە جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالىرى يوغىنىغان بولىدۇ،بالىنىڭ ئوچۇقلىنىشى ناچار بولۇپ، ئورۇق، تېرىلىرى قېرىلارنىڭكىدەك قورۇقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

    قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈشلەر مۇسپى بولىدۇ،بوۋاقنىڭ ئانىسىنى تەكشۈرگەندە قاندىكى RPRتەكشۈرۈشلەر مۇسپى بولىدۇ.

    ئاخىرقى دەۋردىكى سىفلىس ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ تېرە، شىلىمشىق پەردە، سۆڭەك، كۆز ۋە ئىچكى ئەزالىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سىفلىسلىق زەخمىلىنىش كۆرۈلىدۇ، بوۋاقنىڭ تۇغما سىفلىسلاردا بولىدىغان ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ.ئۈستۈنكى تاڭلاي يايىسى تار بولىدۇ، چىشى غەلىتە، بۇرنى ئېگەرسىمان بولۇپ،كالپۇكلىرى ئەتراپىغا تارتۇقلار پەيدا بولىدۇ، كۆپ ساندىكى بالىلار نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بولىدۇ.

    قان زەردابىنى تەكشۈرگەندا مۇسپى بولىدۇ. ئانىسىنىڭ قېىنىدا RPRمۇسپى بولىدۇ.

     

    سىفلىسقا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ ۋە سېلىشتۇرما دېئاگنوزنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

    سىفلىس كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتىن نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىشتۇرما دىئاگنوز ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.كېسەللىك تارىخى گۇمانلانغان ھامان سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسىنى تېپىش، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوزنى مۇقىملاش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، تىرىك توقۇلمىنى تەكشۈرۈشكە ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك داۋالاشقا بولىدۇ.

    سىفلىسنىڭ داۋالاش پرىنسىپى نېمە؟

    دىئاگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن، داۋالاش قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى، دورا مىقدارى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى، داۋالاش باسقۇچى تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك، داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن،يېتەرلىك كۆزىتىش باسقۇچى قۇبۇل قىلىشى، ئەگەر كېسەللىك سېزىلسە داۋالىنىشى كېرەك،كېسەلنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋالىنىش جەريانىدا جىنسي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

    سىفلىسنى داۋالاش مەقسىتى نېمە؟

    دەسلەپكى باسقۇچلۇق سىفلىستا تېزلىك بىلەن يۇقۇملىشىچانلىقىنى يوقىتىپ، بىمارنى سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەنپىيگە ئايلاندۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ئاخىرقى باسقۇچلۇق سىفلىستا سىفلىسلىق زەخمىلىنىشنىڭ داۋاملىق  كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، زەخمىلىنىشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. داۋالاشتىن كېيىن بۇرمىسمان تەنچە يوقىتىلىپ، ياللۇغلىنىش كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، توقۇلمىلارنىڭ ئاللىقاچان زەخمىلەنگەن قىسىمى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي، ھەرخىل ئاسارەتلەرنى قالدۇرۇشى مۇمكىن.

    سىفلىسنى داۋالاش لايىھىسى قانداق؟

    ئادەتتە بېنىزانتىن پېنتسىللىن (芐星青霉素 )دىن2400000Uئىككى يانپاشتىن ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئوكۇل قىلىنىپ،3-2قېتىمدىلا ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىش مەقسىتىگەيەتكىلى بولىدۇ. بېنىزانتىن پېنتسىللىن تېپىلمىغاندا ئادەتتىكى ئوكۇل ئۇرۇش پېنتسىللىن ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.

    پېنتسىللىن رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا تېتراتسىلىندىن بىر قېتىمدا 500 مىللىگرام،كۈندە تۆت قېتىمدىن 15كۈن ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ(جىگەر،بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بار بىمارلارغا قارىتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك)ئۇنىڭدىن باشقا ئېرىترومىتسىن  قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

    قان ئايلىنىش سىستېمىسى سىفلىسنى داۋالاش: بىماردا ئەگەر يۈرەك ئاجىزلىشىش ئەھۋاللىرى بولسا،ئالدى بىلەن يۈرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈپ،پېنتسىللىننى دەسلەپكى ئاز مىقداردىن باشلاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن،ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىپ.ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن،ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇدا ئېريدىغان پېنتسىللىننن Gنى بىرىنچى كۈنى 100000Uبىر قېتىم،ئىككىنچى كۈنى100000Uئىككى قېتىم،ئۈچىنچى كۈنى200000Uئىككى قېتىم يانپاشتىن ئوكۇل قىلىپ،تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىش

    كېرەك.

     پروكايىن ېنتسىللىننن  Gدىن 800000Uئوكۇل قىلىپ 15كۈن ئىشلىتىش كېرەك،ئىككى ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن يۇقىرىقى مىقداردا يەنە بىر باسقۇچ ئىشلىتىش كېرەك.

    تۇغما سىفلىسنى داۋالاش:

    تۇغما سىفلىسقا گىرىپتار بولغان بالىلارغا بېنىزاتىن پېنتسىللىن،پروكاين پېنتسىللىن قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.مىقدارى بىر كىلوگرام ئېغىرلىققا 500000Uتوغرا كەلسە

     بولىدۇ،دورا ئىشلىتىش ئارىلىقىنى ئاشۇرۇپ دورىلارنىڭ يېرىم يمىرىلىش دەۋرىگە قاراپ بەلگىلەش كېرەك.

    پېنتسىللىن رېئاكسىيە بەرگۈچىلەرگە قارىتا ئېرىترومىتسىندىن ھەربىر كىلوگرام ئېغىرلىقغا قارىتا 30 كۈن ئۇلاپ ئىچۈرۈشكە بولىدۇ،سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتا تېتراتسىللىن ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.

    ئەكس تەسىر كۆپرەك ئەھۋالدا سىفلىسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قوزغىلىپ،24سائەت ئىچىدە يوقىلىدۇ،قىزىش،بىئارام بولۇش،يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەكس تەسىر يۈز بەرگەندە قاتتىق شانكىر تېخىمۇ يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن.ئەكس تەسىر ئەگەر ئىككىنچى باسقۇچلۇق سىفلىستا

    كۆرۈلسە،شۇ چاغدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئېغىرلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،بۇ خىل ئەكىس تەسىر ئاخىرقى مەزگىللىك سىفلىستا ئانچە كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ،ئەمما كۆرۈلگەن ھامان ئاقىۋىتى ئېغىرراق بولىدۇ،مەسىلەن،گالۋاڭ بولۇپ قېلىش،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى

    كۆرۈلۈشى مۇمكىن،بۇ خىل ھادىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن سىفلىسقا قارشى داۋالاشتىن بۇرۇن كورتىزون قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتشكە توغرا كېلىدۇ.

    سىفلىسنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    -        جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپرىس، ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.

    -        بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    -        قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى  سېلىشقا توغرا كەلسە،چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىش كېرەك .

    -        سىفلىس بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

    -        سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەگەر ئۆزىنىڭ سىفلىس بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش كېرەك.

    -        بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھاراق ئىچىشتىن، غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    -        داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق سىفلىس بولغان جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە،جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.

    -        قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش داۋالاش ئۈنۈمىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز داۋالاش ياكى داۋالىماسلىقنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا بىمارلار چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.

    -        بەزى بىمارلار تۇنجى قېتىم پېنسىلىن ئارقىلىق داۋالانغاندا،بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا قىزىش،باش ئاغرىش،كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ ئالامەتلەر 24 سائەت ئىچىدىلا يوقاپ كېتىدۇ،بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە《吉海反应》دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇشۇنداق تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش كېرەك.

    -        سىفلىس بىمارلىرى توي قىلماقچى،ھامىلدار بولماقچى بولسا،تەلتۆكۈس ساقايغاندىن كېيىن ئويلاشسا بولىدۇ.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.