-
2009-05-20
سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى - [جىنسى كېسەل]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39653237.html
سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان، ئەمما سۈيدۈك يولى ئاجرالمىلىرىدىن سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر خىل سۈيدۈك ئاجرىتىش-كۆپىيىش ئەزا سېستىمىسىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك. ئۇنى ئاساسەن تراخوما خلامىدىيىسى ۋە مىكوپلازما كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبەسى:
كېسەللىك مەنبەسى ئاساسلىقى تراخوما خىلامىدىيىسى ۋە ئۇرىئانى پارچىلىغۇچى مىكوپلازمىسى بولۇپ، ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر، ℃56 دا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ.دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە دورىلىرى كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.
يۇقۇش يولى:
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.
- ئاز ساندىكى يۇقۇملانغان ھامىلدارلار تۇغۇت ئەتراپى دەۋرىدە كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى بوۋاققا يۇقتۇرىدۇ.
- بىمار ئىشلەتكەن لۆڭگە،ئىچ كىيىم، ۋاننا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىنمۇ يۇقىدۇ.
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرى 1-3 ھەپتىگىچە.
ئەر بىمارلاردا سۈيدۈك يولى شىلىمشىق ياكى شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار بولىدۇ ھەمدە سىيگەندە ئاغرىپ،سۈيدۈك يولى بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ قىسمەن بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ؛ ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار بولۇپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى (سۈيدۈك يولى)ياللۇغلىنىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدا كېسەل ئالامەتلىرى بولمايدۇ،بەزىدە جىنسىي يول ئاجراتما ماددىسى نورمالسىز بولۇپ،سالامەتلىك تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوينى ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك قاناش، بالىياتقۇ بوينى نەيچىسىدە يىرىڭلىق ئاجراتمىلار بولۇش، بالىياتقۇ بوينى قىزىرىپ ئىششىش، غەيرىلىشىش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ، پەقەت يېنىك دەرىجىدىكى سۈيدۈك يولى غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ياكى مۇتلەق كېسەل ئالامىتى بولمايدۇ. ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن داس بوشلۇقى ياللۇغى،تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى،بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بولۇپ،تۇغماسلىق،بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ھەم بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋالاش:
دوكسىتسىكلىن ㎎100 دىن كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۇدا 7-10 كۈنگىچە ئىچىلىدۇ؛ ياكى ئېرىترومىتسىندىن ㎎500 دىن كۈنىگە تۆت قېتىم جەمئىي يەتتە كۈن ئىچىلىدۇ؛ياكى ئوفلوكساتسىن ㎎300 دىن كۈنىگە ئىككى قېتىم جەمئىي يەتتە كۈن ئىچىلىدۇ.
دىققەت: جىنسىي ھەمراھىمۇ بىللە داۋالىنىشى كېرەك.
ئالدىنى ئېلىش:
- بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
- باشقىلار بىلەن لۆڭگە، ۋاننا، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارنى ئورتاق ئشلەتمەسلىك كېرەك.
بىمارلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
- يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالاش كېرەك. بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىغاندا،ئەگەشمە كېسەللىك ۋە كېسەللىك ئاسارىتى قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
- مەيلى قايسى تۈردىكى ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پۈتۈن باسقۇچلۇق دورا ئىشلىتىش ۋە قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك .
- داۋالىنىش مەزگىلىدە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم، جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
- داۋالىنىش مەزگىلىدە ھاراق ئىچىشتىن،غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم.
历史上的今天:
جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى 2009-05-20چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقىنى داۋالاش 2009-05-20ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش 2009-05-20يۇمشاق شانكىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش 2009-05-20