-
2009-05-20
سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى - [جىنسى كېسەل]
سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان، ئەمما سۈيدۈك يولى ئاجرالمىلىرىدىن سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر خىل سۈيدۈك ئاجرىتىش-كۆپىيىش ئەزا سېستىمىسىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك. ئۇنى ئاساسەن تراخوما خلامىدىيىسى ۋە مىكوپلازما كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبەسى:
كېسەللىك مەنبەسى ئاساسلىقى تراخوما خىلامىدىيىسى ۋە ئۇرىئانى پارچىلىغۇچى مىكوپلازمىسى بولۇپ، ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر، ℃56 دا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ.دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە دورىلىرى كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.
يۇقۇش يولى:
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.
- ئاز ساندىكى يۇقۇملانغان ھامىلدارلار تۇغۇت ئەتراپى دەۋرىدە كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى بوۋاققا يۇقتۇرىدۇ.
- بىمار ئىشلەتكەن لۆڭگە،ئىچ كىيىم، ۋاننا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىنمۇ يۇقىدۇ.
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرى 1-3 ھەپتىگىچە.
ئەر بىمارلاردا سۈيدۈك يولى شىلىمشىق ياكى شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار بولىدۇ ھەمدە سىيگەندە ئاغرىپ،سۈيدۈك يولى بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ قىسمەن بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ؛ ئەگەشمە