ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-20

    يۇمشاق شانكىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش - [جىنسى كېسەل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39652915.html

    يۇمشاق شانكىر دوكرېي تاياقچە باكتېرىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپىيىش ئەزاسى يارىلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك .دائىم يىرىق لىمفا تۈگۇن ياللۇغى بىللە كىلىدۇ .بۇ كېسەللىك ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ  

    مەنبەسى:

     يۇمشاق شانكىرنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچى دوكربىي قانغا مايىل تاياقچە باكتېرىيىسى بۇلۇپ ،گىرام مەنپى بۇيىلىدۇ .دوكربىي قانغا مايىل تاياقچە باكتېرىيىسى ھارارەتكە بىر قەدەر سەزگۈر بۇلۇپ ،℃65 تا ناھايىتى تېزلا ئۆلىدۇ .قۇرغاققا بۇلغان قارشىلىق كۈچىمۇ بىر قەدەر ئاجىز ،بىراق سوغۇققا ،تۆۋەن ھارارەتكە چىداملىق بۇلۇپ ،ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھايات ساقلىندۇ.

    يۇقۇش يوللىرى:

    ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

    ئالامىتى:

     يۇشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرچە 10~3 كۈنگىچە بۇلىدۇ .ئەر بىمارلارنىڭ كىلنىكىلىق ئىپادىسى ئادەتتە بىر قەدەر ئېغىر بۇلىدۇ ،ئاياللاردا ئالامەتلەر بىر قەدەر يېنىك .

     دەسلەپ قوزغالغاندا سىرتقى كۆپىيىش ئەزاسىدا ياللۇغلۇق كىچىك دوڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ .48~24 سائەت ئىچىدە تېزلىكتە يىرىڭلىق قاپارتمىغا ئايلىنىپ ،3~2 كۈندىن كېيىن يىرىڭلىق قاپارتما يېرىلىپ يارا شەكىللەندۈرىدۇ .ئادەتتە سانى كۆپ (5~2 تال )بۇلۇپ ،چېگرىسى ئېنىق ،ئاغرىق روشەن بولىدۇ .تۇتقاندا يۇمشاق بولغاچقا ،يۇمشاق شانكىر دەپ ئاتالغان .ئەرلەردە كۆپۈنچە تاجىسىمان ئېرىقچە ،خەتنىلىك ،زەكەر بېشى ،خەتنىلىك بېغىشى قاتارلىق جايلىرىدا بولىدۇ . ئاياللاردا كۆپىنچە چوڭ –كىچىك جىنسى لەۋدە ،دەھلىزدە،دىلچىق ۋە بالياتقۇ بوينى قاتارلىق جايلىرىدا بولىدۇ،كېسەللىك زەخمىسى پەيدا بولغان جايلاردىكى لىمفا تۈگۇنلىرى ئىشىشىيدۇ.

    داۋالاش:

    يۇمشاق شانكىر ئۆز –ئۆزىگە ئەمىنلەيدىغان بولغاچقا ،يەرلىك ئورۇننى دېزىنفېكسىيىلەپ پاكىزلاپ تۇرۇش كېرەك .

    ئازىترومىتسىن((阿奇霉素بىر قېتىمداɡ1 ئىچىلىدۇ؛ياكى تۇباۋچۈيسۇڭ(头孢曲松)دىن بىر قېتىمدا250 مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ ياكى ئېرىترومىتسىندىن(大观霉素) 500 ھەركۈنى تۆت قېتىم،جەمئىي يەتتە كۈن؛ ياكى داگۇەنمېيسۇ دىن بىر قېتىمدىلا ɡ2 مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ.

    يەرلىك ئورۇننى داۋالاش: .ئېغىز ئالمىغان دۆڭچە ئەسۋە ياكى تۈگۈنچىگە سىرتقا ئىشلىتىدىغان ئختيول، ئىرىترومىتسىن مەلھىمى ئىشلىتىلىدۇ.يارىنى 5000/ 1لىك مارگانسوپ ياكى قوش ئوكسىگىن سۈيىدە يۇيۇپ،ئاندىن سىرتىدىن ئىرىترومىتسىن مەلھىمى سۈرتىلىدۇ؛ لىمفا يىرىڭلىق ئىششىقىنى، يىراقراق نورمال تېرىدىن پۇنكىسىيە قىلىپ، يىرىڭ بوشلۇقىغا كىرگۈزۈلۈپ،يىرىڭ سۈمۈرتىلىدۇ.

    ئالدىنى ئېلىش:

    -        بىمارنى بالدۇر داۋالاش.داۋالاش مەزگىلىدە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، بىمارنىڭ ئاجرالمىرى تەرىپىدىن بۇلغانغان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .

    -        جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلپ ،ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ توسما شەكىللىك ئالدىنى ئېلىش .(مەسىلەن:بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش )تەدبىرى قوللىنىشقا ،كۆپ جنسىي ھەمرايى بولماسلىققا تەۋسىيە قىلىش لازىم .





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.