-
2009-05-20
يۇمشاق شانكىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
يۇمشاق شانكىر دوكرېي تاياقچە باكتېرىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپىيىش ئەزاسى يارىلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك .دائىم يىرىق لىمفا تۈگۇن ياللۇغى بىللە كىلىدۇ .بۇ كېسەللىك ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ
مەنبەسى:
يۇمشاق شانكىرنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچى دوكربىي قانغا مايىل تاياقچە باكتېرىيىسى بۇلۇپ ،گىرام مەنپى بۇيىلىدۇ .دوكربىي قانغا مايىل تاياقچە باكتېرىيىسى ھارارەتكە بىر قەدەر سەزگۈر بۇلۇپ ،℃65 تا ناھايىتى تېزلا ئۆلىدۇ .قۇرغاققا بۇلغان قارشىلىق كۈچىمۇ بىر قەدەر ئاجىز ،بىراق سوغۇققا ،تۆۋەن ھارارەتكە چىداملىق بۇلۇپ ،ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھايات ساقلىندۇ.
يۇقۇش يوللىرى:
ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
ئالامىتى:
يۇشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرچە 10~3 كۈنگىچە بۇلىدۇ .ئەر بىمارلارنىڭ كىلنىكىلىق ئىپادىسى ئادەتتە بىر قەدەر ئېغىر بۇلىدۇ ،ئاياللاردا ئالامەتلەر بىر قەدەر يېنىك .