ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-20

    لىمغابىخلىما گۆش ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش - [جىنسى كېسەل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39652818.html

    جىنسىي كېسەل خارەكتېرلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى، يىرىق لىمفا گۆش ئىششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇنى تراخوما ئاددىي جاندارى(خلامىدىيە) L1—L3  قان زەرداب تىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكتۇر.

    مەنبەسى:

    تراخوما خلامىدىيىسى(L3,L2,L1 قان زەرداب تىپلىق).خلامىدىيە ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ،℃55 تا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ،ئادەتتە دېزىنفىكسىيە دورىلىرى ئارقىلىق خىلامىدىيەنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

    يۇقۇش يوللىرى:

    كۆپىنچە جىنسىي ئۇچرىشىش (ئېغىز ۋە مەقئەت مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

    ئالامىتى:

    يوشۇرۇن دەۋرى:30-3 كۈنگىچە بولۇپ،ئوتتۇررىچە 10كۈن بولىدۇ. كۆپىيىش ئەزالاردىكى دەسلەپكى مەزگىللىك چاقا: ئەرلەردە زەكەر بېشىدا، تاجىسىمان ئېرىقچىسىدا ۋە خەتنىلىك ئىچكى دىۋارىدا، ئاياللاردا جىنسىي لەۋ ،جىنسى يول ،بالىياتقۇ بوينى قاتارلىق ئەزالىرىدا ،ئاغرىمايدىغان دۆڭچە ئەسۋە،سۇلۇق قاپارتما ياكى يارا پەيدا بۇلۇپ ،نەچچە كۇندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيپ تاتۇق ئىزى قالمايدۇ.

    ئوتتۇرا مەزگىللىك لىمفا تۈگۈن كېسەللىكى:دەسلىپى چاقا پەيدا بولۇپ،4-1 ھەپتىدىن كېيىن يېرىق لىمفا تۈگۈنچىسى ئىششىپ چوڭىيىدۇ.چوڭايغان لىمفا تۈگۈنى يىرىق تارمۇشى تەرىپىدىن ئاستىن-ئۈستۈن ئىككى بۆلەككە بۆلىۋېتىلىپ،پەقەت خاس بولغانئېرىقچە ئوقۇر ئالامىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.1-2 ھەپتە ئىچىدە لىمفا تۈگۈنچىسى يۇمشاپ، يارا ئېغىزى ئېچىلىپ ،كۆپ تۆشۈكلۈك ئاقمىنى شەكىللەندۇرۈپ،قىزىش، باش ئاغرىش ھەمدە جىگەر ،تال ئىششىپ چوڭىيىش قاتارلىقلارنى قوزغىتىدۇ.

     ئاخىرقى مەزگىللىك كۆپىيىش ئەزاسى پىل تېرىسىدەك ئىششىقى ۋە تۈز ئۈچەي تارىيىش: يۇقۇملىنىپ نەچچە يىلدىن كىيىن پەيدا بولىدۇ .

    ئالاھىدە ئالامىتى:

    -   كۆپىيىش ئەزاسىدا ئاغىرمايدىغان سۇلۇق قاپارتما ۋە يارا پەيدا بۇلىدۇ .

    -   ئېرىق ئۇقۇر ئالامىتى (يىرىق لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ چوڭىيىدۇ .چوڭايغان لىمفا تۈگۈنى قورساق ئېرىقچە تارامۇشى تەرىپىدىن ئاستىن –ئۈستۈن ئىككى بۆلەككە ئايرىلىپ خاس بولغان «ئېرىق ئوقور ئالامىتى »شەكىللىنىدۇ ).

    داۋالاش:

    -        دوكىسىتسىكىلىن :ھەر قېتىمدا 100 ،ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئۇدا 21 كۇن ئىچىلىدۇ .

    -        تېتراتسىكلىن:ھەر قېتىمدا500 ،ھەر كۈندە تۆت قېتىم 14~28  كۈنگىچە ئىچىلىدۇ 

    -        ئېرىترومىتسىن:ھەر قېتىمدا 500، ھەر كۈندە تۆت قېتىم جەمئىي 21كۈن ئىچىلىدۇ.

    -        يەرلىك ئورۇننى داۋالاش :يىرىڭلىق لىمفا تۈگۈنچە ياللۇغىنى پۇنكسىيە قىلىپ ،يىرىڭ سۇمۇرۇپ ،ئانتىبىئوتىكلار قايتا ئۇكۇل قىلىنىدۇ .ھەرگىز كېسىپ يىرىڭ ئېقىتىشقا بولمايدۇ .ئۇنداقتا ئاسان ساقايمايدۇ .تۈز ئۈچەي تارايسا كېڭەيتىش ئوراتسىيىسى قىلىش ،ئېغىر بولغان تۈز ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك

    ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش:

    -        بىمارنى بالدۇر داۋالاش.داۋالاش مەزگىلىدە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش ،بىمارنىڭ ئاجرالمىرى تەرىپىدىن بۇلغانغان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .

    -        جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلپ ،ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ توسما شەكىللىك ئالدىنى ئېلىش .(مەسىلەن:بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش )تەدبىرى قوللىنىشقا ،كۆپ جنسىي ھەمرايى بولماسلىققا تەۋسىيە قىلىش لازىم .





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.