ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە


  • جىنسىي كېسەل خارەكتېرلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى، يىرىق لىمفا گۆش ئىششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇنى تراخوما ئاددىي جاندارى(خلامىدىيە) L1—L3  قان زەرداب تىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكتۇر.

    مەنبەسى:

    تراخوما خلامىدىيىسى(L3,L2,L1 قان زەرداب تىپلىق).خلامىدىيە ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ،℃55 تا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ،ئادەتتە دېزىنفىكسىيە دورىلىرى ئارقىلىق خىلامىدىيەنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

    يۇقۇش يوللىرى:

    كۆپىنچە جىنسىي ئۇچرىشىش (ئېغىز ۋە مەقئەت مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

    ئالامىتى:

    يوشۇرۇن دەۋرى:30-3 كۈنگىچە بولۇپ،ئوتتۇررىچە 10كۈن بولىدۇ. كۆپىيىش ئەزالاردىكى دەسلەپكى مەزگىللىك چاقا: ئەرلەردە زەكەر بېشىدا، تاجىسىمان ئېرىقچىسىدا ۋە خەتنىلىك ئىچكى دىۋارىدا، ئاياللاردا جىنسىي لەۋ ،جىنسى يول ،بالىياتقۇ بوينى قاتارلىق ئەزالىرىدا ،ئاغرىمايدىغان دۆڭچە ئەسۋە،سۇلۇق قاپارتما ياكى يارا پەيدا بۇلۇپ ،نەچچە كۇندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيپ تاتۇق ئىزى قالمايدۇ.