-
2009-05-20
چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقىنى داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقى- بىر خىل بىخلىما گۆش كاپسۇللۇق تاياقچە باكتېىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مەقئەت، سىرتقى جىنسىي ئەزا چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش توقۇلمسىدىن ئۆسۈپ چىققان داغ پارچىلىرىنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك.
مەنبەسى:
بىخلىما گۆش كاپسۇللۇق تاياقچە باكتىرىيىسى
يۇقۇش يولى:
ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ.
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرى 8-80 كۈنگىچە بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىدە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن 30 كۈندە كېسەل قوزغىلىدۇ.
تېرە زەخمىسى ئورنى: ئاساسەن كۆپىيىش ئەزاسىدا بولۇپ، مەقئەت ئەتراپى، چات ئارلىقى ھەمدە يۈزىدىمۇ پەيدا بولىدۇ.
-
2009-05-20
لىمغابىخلىما گۆش ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
جىنسىي كېسەل خارەكتېرلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى، يىرىق لىمفا گۆش ئىششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇنى تراخوما ئاددىي جاندارى(خلامىدىيە) L1—L3 قان زەرداب تىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكتۇر.
مەنبەسى:
تراخوما خلامىدىيىسى(L3,L2,L1 قان زەرداب تىپلىق).خلامىدىيە ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ،℃55 تا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ،ئادەتتە دېزىنفىكسىيە دورىلىرى ئارقىلىق خىلامىدىيەنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
يۇقۇش يوللىرى:
كۆپىنچە جىنسىي ئۇچرىشىش (ئېغىز ۋە مەقئەت مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرى:30-3 كۈنگىچە بولۇپ،ئوتتۇررىچە 10كۈن بولىدۇ. كۆپىيىش ئەزالاردىكى دەسلەپكى مەزگىللىك چاقا: ئەرلەردە زەكەر بېشىدا، تاجىسىمان ئېرىقچىسىدا ۋە خەتنىلىك ئىچكى دىۋارىدا، ئاياللاردا جىنسىي لەۋ ،جىنسى يول ،بالىياتقۇ بوينى قاتارلىق ئەزالىرىدا ،ئاغرىمايدىغان دۆڭچە ئەسۋە،سۇلۇق قاپارتما ياكى يارا پەيدا بۇلۇپ ،نەچچە كۇندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيپ تاتۇق ئىزى قالمايدۇ.