-
2009-05-21
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى نىمە ئۈچۈن ئەيدىز خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ؟ - [قىزىل كرېست]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39701785.html
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋرلىك، ئادىللىق، مۇستەقىللىق .......... قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك پىرىنسىپقا ئاساسەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. قىزىل كرېستنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى "ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەر خىل بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىيىنىنى تۆۋەنلىتىش"، "ئاسان زىيان زەخمەتكە ئۇچرايدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش"، "تېنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش" تىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە، ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان كېسەللىك بولۇپ، تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە دائىرسىنىڭ كەڭلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ. قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك خىزمەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا قويۇپ كەلمەكتە.
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى 1987-يىلى رەسمىي قورۇلغاندىن بۇيان، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش، باشلانغۇچ سەھىيە قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش......قاتارلىق كۆپ شەكىللىك ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى.
شىنجاڭدا 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، قىزىل كرېست جەمئىيىتىمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلدى. "قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى"نىڭ ئالدىنى ئېلىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە داۋالاش، كەمسىتىشنى ئازايتىشتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەت نىشانىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بولۇپمۇ 1999- يىلى ئاۋسترالىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياش تەڭتۇشلار تەربىيىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەڭ قانات يايدۇردى. شۇندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن، يۇقۇملانغۇچىلار تەڭتۇشلار تەربىيىسى كۇرسى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈش كۇرسى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش -ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۇرسى...دىگەندەك بىر قاتار تۈرلەرنى قانات يايدۇردى.