-
2009-05-31
مۇكەرەمگۈل دوختۇرخانىدىن چىقتى - [ساخاۋەتلىك ئىشلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40219243.html
ئالدىنقى مەزگىللەردە ئىزدىنىش تورىدىكى يۈكسەل ئەپەندىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ھەر قايسى تور بېكەتلەردە كەڭ تارقىتىلغان ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەقىقى ياردىمىگە ئېرىشكەن « يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قىلايلى» تېمىسىدىكى مۇراجىئەتنامىنىڭ قەھرىمانى- يۈز قىسىمى قان تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان مۇكەرەمگۈل 1- قېتىملىق ئوپراتسىيە( ئۆسمە ئەتراپىدىكى قان تومۇرلارنى توسۇش ئوپراتسىيىسى)دىن مۇۋاپىقىيەتلىك چىقتى. مەسئۇل دوختۇر تۇرسۇن ئەپەندى ئوپراتسىيەدىن بىر ھەپتە كېيىن بالىنى كۆرۈپ، بولۇپمۇ قاپىقىدىكى ئۆسمىنىڭ كۆرۈنەرلىك كىچىكلىگەنلىكىنى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرىدىغانلىقىنى ۋە شۇ چاغدىكى ئەھۋالغا ئاساسەن، ئەگەر داۋاملىق ياخشىلىنىش كۆرۈلسەيەنە 2- قېتىم ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
ھازىر مۇكەررەمگۈل ۋە دادىسى تۇرسۇنجانلار دوختۇرخانىدىن چىقىپ، يەكەنگە قايتىپ كەتتى. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇزۇندىن بۇيان بالىنىڭ داۋالىنىش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان بۇخەلچىگۈل خانىم تۇرسۇنجان دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ئۇلارغا ئۈچ ئايدىن كېيىن بالىنىڭ كېسىلىنى قايتا تەكشۈرىدىغان بولغاندىكىن، ئۇنىڭغىچە يۇرتى يەكەنگە قايتىپ كەتمەي ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ تۇرۇش تەكلىۋىنى بېرىپتۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ كۈتۈنۈشىگە ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە داۋالاشنىڭ داۋامىغا كۆپچىلىكتىن ياردەم ئېلىشتىمۇ قولايلىق بولىدىغانلىقى، يۇرتقا قايتىپ كەتسە يېزا شارائىتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىراشچىلىقتىن بالىغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماي، كېسەلنىڭ يەنە ئېغىرلاپ كېتىش، ھەتتا بالا كىچىك بولغاچ ئويناش جەريانىدا ئورۇلۇپ- سۇقۇلۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئۆسىمىنىڭ يېرىلىپ كېتىش خەۋپىنىڭمۇ بارلىقى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ، تۇرسۇنجاننىمۇ تۇرۇپ قېلىشقا قايىل قىلغان. كېيىن تۇرسۇنجان يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ پىكىرى بويىچە يەكەنگە بىر قايتىپ، بەزىبىر ئىشلارنى بىرياقلىق قىلىۋەتكەندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىدىغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، چارشەنبە كۈنى يەكەنگە قايتىپ كەتتى.
تۇرسۇنجانلار قايتىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا، يۈكسەل ئەپەندى ۋە مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش چىقىم ئەھۋالىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتۇق ۋە ھەر ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈچەيلەن كېڭىشىش ئارقىلىق تورداشلاردىن ۋە جەمئىيەتتىن يىغىلغان ئىئانە پۇلنىڭ داۋالاشتىن ئاشقان قىسىمىنى مۇكەرەمگۈل 8-ئايدا تەكشۈرتكىلى كەلگۈچە ۋاقتىنچە بىز ساقلاپ بېرىدىغانغا كېلىشتۇق ۋە 27-چېسلا داۋالاشتىن ئاشقان پۇل 24924يۈەن يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بانكا كارتىسىغا قۇيۇلدى، ئاندىن بانكىغا پۇل قويۇلغان ئىسپاتتىن بىر نۇسخا تۇرسۇنجانغا بېرىلدى.
ھېساۋات ئەھۋالى:
يۈكسەل ئەپەندى ۋە تۇرسۇنجاننىڭ ئىككى بانكا كارتىسىغا يىغىلغان جەمئى ئىئانە پۇل 38399.66يۈەن.
مۈكەرەمگۈلنىڭ داۋالىنىش چىقىمى 12938.84 يۈەن،
يەكەنگە قايتىش خىراجىتىگە تۇرسۇنجانغا بېرىلدى 300 يۈەن،
ئاشقان پۇل 25460.82يۈەن( بۇنىڭ ئىچىدە تۇرسۇنجاننىڭ قولىدا ئېشىپ قالغان ۋە يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بانكا كارتىسىغا قويۇلغان پۇل 24924 يۈەن بىلەن يۈكسەل ئەپەندىنىڭ توردا ئېلان قىلغان ئىئانە قىلىش بانكا كارتىسىدىكى قالدۇق پۇل 536.82 يۈەن بار). كېلىشكىنىمىز بويىچە 8-ئايدا تۇرسۇنجانلار بالىنى تەكشۈرتۈشكە كەلگەندە بۇ پۇل ئەسلى بويىچە تۇرسۇنجاننىڭ قولىغا قايتۇرۇلىدۇ ۋە بالىنىڭ داۋاملىق داۋالىنىشىغا ئىشلىتىلىدۇ.