-
2010-05-14
يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تەشۋىقات رەسىمى لايىھەلەش مۇسابىقىسى - [قىزىل كرېست]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63534407.html
ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى 2010-يىلى 8ـ ماي «دۇنيا قىزىل كرېست خاتىرە كۈنى»نىڭ ئالدى كەينىدە، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىتىتى، شىنجاڭ مائارىپ ئۇنۋېرسىتىتى ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تورداشلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىم لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ياشلاردىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولغان پائالىيەتچان ئىجتىمائىي توپ ئارىسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ئۇلارنى ھەممەيلەن ئەيدىز بىلىملىرىنى ئاكتىپ ئۆگىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىزگە نىسبەتەن توغرا قاراش يېتىلدۈرۈپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى چۈشىنىش ۋە غەمخورلۇق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلماقچى.
ئاساسلىق تەلەپ ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:
1. لايىھەلەنمەكچى بولغان ئەسەرلەر تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنسە بولىدۇ:
ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ.
تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئادەتتىكى نورمال ئۇچرىشىشلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، داۋالىنىش ۋە توي قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بار.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن يىل نورمال ياشىغىلى بولىدۇ، شۇڭا يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا جەمئىيەتكە بايلىق يارىتىپ تۆھپە قوشالايدۇ.
مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆپىنچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ كېسەللىكنىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى باشقىلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراشتۇر.
ئاياللار ۋە بالىلار ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ، ئۇلار قوغدىلىشقا ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشىشكە تېخىمۇ موھتاج.
2.ئەسەر تۈرى:
يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن فوتو-سۈرەت، سىزما ئەسەر ۋە ھەرخىل تەكشىلىكتە لايىھەلەش دېتاللىرى ئارقىلىق لايىھەلەنگەن رەسىملەر.( ئەسەرلەردە خەت بولسا بولىدۇ)
ئەسەرلەر چوڭ-كىچىكلىكى 35cm*60cm، فوتوـ سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ چوڭلۇقى 3.0MBدىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك.
ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى:
ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ، 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە
3. پائالىيەت ئۇسۇلى:
u مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەسەرلىرىنى ئېلىكترونلۇق يوللانما ياكى پوچتا ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدنى ئېلىش مەركىزىگە ئەۋەتسە بولىدۇ.
u ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن يىغىلغان ئەسەرلەرنى بىر نەچچە ئالىي مەكتەپتە تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەزمىگە قويىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئەسەرلەرگە بېلەت تاشلايدۇ.
u مەكتەپلەردىكى كۆرگەزمىدە كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن ئەسەرلەر 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى رەسىم لايىھەلەش مۇسابىقىسى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش يىغىنى»غا قاتنىشىدۇ، ئەسەر ئېگىسى يىغىندا ئۆز ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.ئاخىرىدا سەھىيە، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن تەركىب تاپقان باھالاش گۇرۇپپىسى ئەسەرلەرگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
u باھالاش ئارقىلىق ئاخىرىدا بىرىنچى دەرىجىلىكتىن بىر نەپەر، ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن ئىككى نەپەر، ئۈچىنچى دەرىجىلىكتىن ئۈچ نەپەر تاللىنىپ چىقىلىپ، نەق مەيداندا مۇكاپاتلىنىدۇ.
4.مۇكاپات سوممىسى:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 1000يۈەن
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 500يۈەن
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 300يۈەن
5. ئەسكەرتىش:
1)ئەسەرلەر چوقۇم ئىجادى ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك، تور بەت ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردىن كۆچۈرۈلگەن، پۈتۈنلەي ئوخشىتىپ ئىشلەنگەن ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
2)قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزگە ئائىت تەشۋىقات سۈرەتلىرى ئوكيان تور بېتىنىڭ ئالبۇم سەھىپىسىدە بېرىلىدۇ.
3)دەسلەپكى تاللاشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا قولاي بۇلۇشى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
6. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
ئېلىكترونلۇق يوللانما: xrc_yasin@sina.com
ئادرىسى: ئۈرۇمچى شەھىرى يەنئەن يولى 773-نومۇر( ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى)
پوچتا نومۇرى:830049
تېلىفون: 0991-2566112 فاكس: 0991-2561021
ئالاقىلاشقۇچى: ياسىن ئابدۇللا