-
2010-06-07
ھەيز ۋەتاماكا چېكىش - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65357969.html
ھەيز قانداق ھادىسە؟
ھەيز كەلگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ، كېلەركى قېتىملىق ھەيزنىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ھەيز دەۋرلىكى بولۇپ، تەخمىنەن 28-30 كۈن بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ھەيز كېلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ياكى كېيىنكى قېتىملىق ھەيز كېلىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن يۈز بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ئاسان ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. بىراق "ھەيزنىڭ نورمال دەۋرى" دېگىنىمىز پەقەت بىر نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئامىللار ھەيز دەۋرىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.بولۇپمۇ تۇرمۇشى تەرتىپسىز، جىنسىي پائالىيىتى بىر قەدەر كۆپ بولغانلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.
خانىم-قىزلار قانداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك؟
1. ئىككى قېتىملىق ھەيزنىڭ ئارىلىقى 21 كۈندىن ئاز ياكى 35 كۈندىن كۆپ بولغاندا.
2. ھەيز مەزگىلى دائىم قانۇنىيەتسىز، ھەمدە ئالدىن بىلگىلى بولمىسا.
3. ھەيز ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا.
4. ھەيز مىقدارى ئادەتتىكىدىن كۆپ بولسا.
5. ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىق سىز نورمال دەپ بىلگەن ھالەتتىن ئېشىپ كەتسە.
تاماكا چېكىش ۋە ھەيز
تاماكا تەركىبىدىكى ئاساسلىق زىيانلىق تەركىب نىكوتىن ئاياللىق ھورموننىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. ئاياللاردا ئاياللىق ھورمونى ئازلىسا، خۇددى زىرائەتلەرگە سۇ كەمچىل بولغاندەك، ئاياللارنىڭ تېرىسىنى يىرىكلەشتۈرۈپ، بالدۇر قورۇق چۈشۈرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەيز دەۋرىگە تەسىر قىلىپ، ھەيز مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا ھامىلىدار بولۇشقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چېكىش بولسا ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش مەزگىلىنى ئالدىغا سۈرىدۇ، ھەمدە ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سۆڭەك شالاڭلىشىش ئالامەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، تاماكىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
历史上的今天: