ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-05-21

    قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39701649.html

    قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى ھەر قايسى دۆلەت قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان، ئىلگىرى «خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1999-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.

    « خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى» ئەسلى 1-دۇنيا ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 1919-يىلى ئامېرىكا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى داۋىدسوننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ مەقسىتى ھەر قايسى ئەل قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ، خەلقئارا بىرلەشمىدەك بىر تەشكىلاتنى قۇرۇش ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەت قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،  قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرىنىڭ سەھىيە ساغلاملىق، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ۋە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يەڭگىللىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىدى.

    خەلقئارالىق ئاپەتكە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ بىرلەشمە قۇرۇلغان بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى. ستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭ ئاپەت، 3 ھەپتىدە بىر قېتىم ئالاھىدە چوڭ ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە  قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى خەلقئاراغا ياردەم بېرىش چاقىرىقى چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدىكى دائىم ئۇرۇش ياكى ئاپەت يۈز بېرىدىغان رايونلاردا ئاپەت ياكى ئۇرۇش تالاپىتىگە ئۇچىرىغان خەلقلەرنى قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، تېخى قىزىل كرېست ياكى قىزىل ھىلال  ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەمئىيەتلەرنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى قىزىل كرېست ياكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرىگە داۋالاش، قان تەقدىم قىلىش، ئىجتىمائى مۇلازىمەت، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن تېخنىكىلىق ياردەم بېرىدۇ.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.