ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە


  • جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بىردىنبىر قىزىل كرېست تەشكىلاتى،  شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش تەشكىلى، خەلقئارا قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى.

    جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق ۋە تەقدىم ئېتىشتەك قىزىل كرېست روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تېنچلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان.

    جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەڭ بۇرۇن 1904-يىلى قۇرۇلغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، 1950-يىلى 8-ئايدا قايتا تەشكىللىنىپ، 1952-يىلىدىن باشلاپ قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسىدىكى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.