-
2009-05-20
جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى - [جىنسى كېسەل]
تامچە قۇرت كېسەللىرىدە جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ تامچە قۇرت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش،كۆپىيىش ئەزاسى يۇقۇملىنىشچانلىققا ئىگە كېسەللىكتۇر.
مەنبەسى: جىنسىي يول تامچە قۇرتى
ئالامىتى:
يوشۇرۇن دەۋرى: 3-28 كۈن،ئوتتۇرىچە يەتتە كۈن بولىدۇ.
ئاياللاردا: جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىپ ۋە نورمالسىز بولۇپ،سېرىق يېشىل رەڭلىك كۆپۈكچە ھالەتتە بولىدۇ. سېسىق پۇرايدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ. ئۆزىدە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش سېزىمى بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى دوۋساق ياللۇغىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تەكشۈرگەندە سىرتقىي جىنسىي ئەزاسى ۋە جىنسىي يول دىۋارىدا قان داغلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.