-
2009-04-14
سۇئالغا جاۋاپ: سۆزنەكنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37879401.html
سۇئال:سۆزنەك كېسىلىمۇ ئاستا خارەكتىرلىك بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئالامەتلىرى قانداق؟تېز خارەكتىرلىك بولسا داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەن.لېكىن ئاستا خارەكتىرلىك بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ئاستا خارەكتىرلىك سۆزنەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟
قانداق داۋالىنىش لازىم؟ سۈيدۇك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسپەت بولسىلا چۇقۇم سۆزنەك كېسىلى بولامدۇ؟جاۋاپ:سۆزنەك-دۆلىتىمىز نۇقتىلىق كۈزىتىپ تەكشۈرۈپ كونتىرول قىلىدىغان 8 تۈرلۈك جىنسى كېسەل (جىنستىن يۇقىدىغان كېسەل)نىڭ بىرى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدە ۋە رايونىمىزدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەل.
سۆزنەك بولسا سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك ئاجىرىتىش كۆپىيىش سېستىمىسىدىكى يىرىڭىلىق يۇقۇملىنىش بولۇپ، ئاساسلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق سۈيدۈك يوللىرى، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى، تۈز ئۈچەي، مەقئەت ئەتراپى، كۆز ۋە يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىدۇ. دېمەك بۇنىڭ مەنبەسى سۆزنەك باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملانغان بىمار.
دېمەك سۆزنەك جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملنىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ تۇغۇت يولىدىن يۇقۇملىنىدۇ، يەنە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ئۇچىرىشىش ئارقىلىق، مەسىلەن، سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسىدىن بۇلغانغان كالتە ئىشتان، لۆڭگە ۋە مۇنچا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇملىنىدۇ.
سۆزنەكنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى: ئەگەر نۇقۇل سۆزنەك بولسا، ئەرلەردە سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى( ئادەتتە يۇقۇملىنىپ يەنى جىنسى مۇناسىۋەت يۈز بېرىپ 2 كۈندىن 5 كۈنگىچە ئارىلىقتا)، يەنى سۈيدۈك يولى ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىش، سىيگەندە ئېچىشىش ۋە سېرىق شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجىراتما چىقىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ئاياللاردا بولسا بالياتقۇ بوينى ياللۇغى( يۇقۇملىنىپ 10 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ) ئالامەتلىرى، يەنى غەيرى ئاجىرالمىلار كۆپىيىش، يىرىڭلىق ئاق خۇن كۆپىيىش تولا سۈيدۈك قستاش ۋە سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، تەكشۈرگەندە بالياتقۇ بوينىغا قان ئۇيۇپ قىزىرىپ ئىششپ، تەگكەندە ئاغرىيدۇبالياتقۇ بوينى ئېغىزىدىن قان سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق ئاجراتما ئېقىپ چىقىدۇ.
ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىكى بولغان سۆزنەك بولسا، كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن سۆزنەك شارچە باكتېرىيىلىك قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى(يەككە تەرەپتىكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئىششىپ ئاغرىيدۇ، شۇ تەرەپتىكى چات ئارىلىقى تۆۋەن قورساق قىسىمى تۇتقاندا ئاغرىيدۇ، بىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىششىپ، تۇتقاندا قوشۇمچە ئۇرۇقداننىڭ چوڭايغانلىقى بىلىنىدۇ، ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ) ۋە ئاياللاردىكى سۆزنەك شارچە باكتېرىيىلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى( ئالامىتى قورساقنىڭ تۆۋەن قىسىمى ئاغرىش، جىنسى مۇناسىۋەتتە ئاغرىش، جىنسى يول ئاجرالمىلىرى نورمالسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە بالياتقۇ بوينىنى كۆتەرگەندە قاتتىق ئاغرىش، قوشۇمچە ئەزانى تۇتقاندا ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ) قاتارلىقلار بار.
داۋالاش
1. ئەرلەردە سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى بولسا ، روتسېفىن(头孢曲松钠)دىن كۈنىگە بىر گىرامدىن بىر قېتىمدىلا مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ ياكى ئوفلوكساتسىن(氧氟沙星)دىن ھەر كۈنى 400 مىللىگىرامدىن بىر قېتىمدىلا ئىچىلىدۇ ۋە ياكى سىفىران(环丙沙星)دىن ھەر كۈنى 500 مىللىگىرام بىر قېتىمدىلا ئىچكۈزۈلىدۇ.
2. سۆزنەك شارچە باكتېرىيىلىك قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى ۋە سۆزنەك شارچە باكتېرىيىلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى بولسا، روتسىفېن(头孢曲松钠)دىن بىر گىرام ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۇدا 10 كۈن مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ ياكى تروئېتسىن(大观霉素)دىن 2 گىرام ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۇدا 10 كۈن مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش
1. نىكاھتىن سىرت جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش ياكى كوندوم(بىخەتەرلىك قاپچۇقى )نى باشتىن ئاخىر ۋە توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش لازىم.
2. ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان نوپۇزلۇق داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش، جاھانكەزدى دوختۇرلارنىڭ «مەخپى رېتسىپ»لىرىغا ئىشەنمەسلىك كېرەك،
3. ئەگەر يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىپ دىئاگىنوز قويۇلسا، چوقۇم جىنسى جۆرىسىنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش لازىم.
4. داۋالانغاندا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەلتۈكۈس داۋالىنىش، بۇ جەرياندا جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم.
5. ھامىلدار ئاياللاردا سۆزنەكتىن يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە تېخىمۇ ياخشى داۋالىنىش ۋە بالىغا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەش لازىم.
6. بىمارلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى مەسىلەن لۆڭگە، ۋاننا، كىيىم-كېچەكلىرىنى دېزىنفىكسىيە قىلىش ۋە باشقىلاردىن ئايرىپ تۇتۇش لازىم.
دىققەت: سۆزنەكنى تەلتۈكۈس ساقايتقىلى بولىدۇ. يۇقارقىلارغا تۇلۇق ئەمەل قىلغاندا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يۇقۇملانغان بولسا تەلتۈكۈس داۋالىنىپ ساقايغىلى بولىدۇ، قايغۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
يۇقارقى دورا رېتىسىپىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، لېكىن دوختۇرنىڭ ئىشلەتكەن دورىسى بىلەن مەلۈم پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن.