ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-26

    جونسوننىڭ ئۆلۈمى - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35765355.html

    بىرسى ئېنتېرنېت تورىدا "سېھرىگەرئۆلدى"تېمىسىدىكى ماقالىنى تارقىتىپ، «سېھرىگەر»جونسون ئۆلگەنلىك توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىپتۇ.

         مەن بۇ چاپلانمىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم.بۇ تەمبەل ھەم ئېگىز ۋاسكىتبول ماھىرى، داڭلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ دوختۇر خېدايى(ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى تۇنجى ياساپ چىققان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق)دىن دورا ئالغان جونسۇن راستىنلا ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇ؟

    بو خەۋەر كۆڭلۈمنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى.مەن ئېنتېرنېت تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ خەۋىرنىڭ تەپسىلاتىنى تاپتىم .ئەسلىدە ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە (NBA)پەقەت بۇ بىرلا جونسون ئەمەسكەن.ئەسلىدە بۇ قېتىم ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغىنى«سېھرىگەر» جونسون ئەمەس، بەلكى يېشى ئۇنىڭدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان داڭلىق مۇداپىئەچى جونسون ئىكەنلىكىنى بىلدىم .

    بۇ ئىشنى تېخىمۇ تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى دوستلۇرۇمدىن سورىغانىدىم، دوستلۇرۇم ماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى .

    بۇ ئىشنى ئاخىرى چۈشەندىم ،ئەسلىدە بەزىلەر بۇ ئىككى جونسوننى ئالماشتورۇپ قويۇپتۇ، ئۆلۈپ كەتكەن مۇداپىئەچى جونسوننىڭ تۇلۇق ئىسمى دېننىس جونسون، ئۇ ئالدى-كەينى بولۇپ سىياتۇ قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلىك كوماندىلاردا تۇرغان. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغان «سېھرىگەر» جونسوننىڭ تۇلۇق ئىسمى ئېرۋېن جونسون، ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكىتبول ساھەسىدە ئۇزۇن يىل داڭق چىقارغان، 1991-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلاپ ،شۇ سەۋەپتىن كەمسىتىش دولقۇنىغا ئۇچراپ ۋاسكىتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان .95-96مۇسابىقە پەسلىدە «سېھرىگەر»لېكرىس كوماندىسىدا (湖人队) 32مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، شىۋىتسارىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق كوماندىلاردا تۇرۇپ يېقىنقى ئىككى يىلغىچە ئىشلەپ ئاندىن چېكىندى. ھازىر لېكرىس ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە باشقورغۇچىسى . داۋالاشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە ھازىر ئۇنىڭCD4ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن پەرىقلەنمەيدۇ، شۇنداق بەھۇزۇر ياشاۋاتىدۇ، يەنە تېخى ياۋمىڭ بىلەن بىللە ئەيدىزنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ .

    ئەمدى مۇداپىئەچى جونسونغا كەلسەك ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىرئاز غەيرى . ياردەمچى تېرېنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دېننس جونسون مەشىقتىن كېيىن بىر دوستى بىلەن كارىدوردا پاراڭلىشىۋېتىپ ،ناھايىتى قاتتىق بىر كۈلۈۋېتىپلا تويۇقسىز يەرگە يىقىلغان سەۋەپ بىلەن قوتقوزۇش ئۈنۈم بەرمەي 52يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن .

    ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جونسون تېخې ئۆلمىدى، بىراق ئەيدىز كىسىلى يوق جونسون ئۆلۈپ كەتتى . ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈم ھۆكۈمنامىسىنىڭ ھىچقانداق بىۋاستە  باغلىنىشى يوق!

    ئۆلۈمنىڭ كېلىشى دائىم بىر تويۇقسىز ھادىسە، ياكى تەييارلىقسىز قالغان مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ. جاھاندا ھىچكىم ئۆلۈمتۈك ئەمەس ھەم ھىچكىم ئۆلۈمدىن خالى ئەمەس ،بىز ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەم قادىر ئەمەس ، شۇڭلاشقا ئۆلۈمدىن ئانچە قورقۇپ كەتمەي خوشال ياشىشىمىز كېرەك !

    مەنبەسى: ئىنتېرنېت تورى (تەرجىمە قىلىنغان)

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.