ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-26

    گۈزەل قىزنىڭ ئالۋاستىغا ئايلىنىشى - [ئۇنۋېرسال]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35771688.html

     

    مەنبە:news.qq.com

       ئالى بۇ يىل 22ياش،لىياۋنىڭ دەندوڭلۇق، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ 16ياشقا كىرگەن يىلى،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى

    ئۆلۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئالىمۇ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەم ئاتا-ئانىسى تېلغائېلېپ،جىددىلەشكەن ھالدا “بۈگۈنگىچە قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلاردىن ئۆچ ئالغىنىم” دەيتى.  بىرىنچى قېتىم ساتىراچخانىنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ بىلىكىگە مەجبۇرى زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سانجىدى،ئۇ3كۈن ياتقاندىن كىيىن يەنە مەجبۇرى بىر نەچچە قېتىم ئوكۇل سانجىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ زەھەردىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدى.

                   خوجايىن موشۇ ئۇسۇل بىلەن ئالى ھەم بىر-نەچچە قىزنى توتۇپ تۇراتتى، ئالى قېچىپ باقتى، بىراق قېچىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا زەھەرگە بولغان خۇمارى توتۇپ بولالماي قالاتتى، ئالى كۈندە كەچتە كوچىغا چىقىپ ھەمرا خېنىم بولۇپ تاپقان پۇلى بىلەن تورمۇشىنى ھەم زەھەر خۇمارىنى قامدايتى.ئۇ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە1گىرام خىروئىن چىكەتتى،بونىڭغا 300يۇەندىن ئارتۇق پۇل كېتەتتى، ئەگەر كەچلىگى خېرىدار تاپالماي خىروئېن ئالغىلى پۇلى يەتمىسە تېنچلاندۇرۇش ئوكۇلى ھەم بىھۇش دورىلىرىنى ئوكۇل قىلىپ خۇمارىنى باساتتى.

    مەن ئۇنىڭدىن "بەدىنىڭدە نورغۇن سېسىپ كەتكەن يەرلەر تۇرسا كەچلىكى قانداقمۇ خېرىدار تاپالايسەن؟" دەپ سورىسام، ئۇ مېنىڭ بەدەن شەكلىم قاملاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق گېرېم بويۇملېرىنى ئىشلىتپ يارىلارنىڭ ئۈستىنى بېزىۋەتسەم قەتئى چانمايدۇ دېدى.پاراڭلىشىۋاتقاندا ئالىنىڭ خومارې توتۇشقا باشلىدى، ئۇ توختىماي تاماكا چېكەتتى،ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى توتۇپ ئنجىقلاشقا باشلىدى، چىرايىدىن ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.بېر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ مال توشۇيدىغان ئېرى كېلىپ ئونىڭغا بىر بولاقنى توتقۇزدى،ئۇ چاققانلىق بىلەن بولاقنى يېشىپ ئوكۇل قىلىپ ئۇردى.

            

                 ئالىنىڭ خىيالىدا ئاي، كۈن دەيدىغان ئۇقۇم يوق ئېدى، پەقەت كېچە بىلەن كۈندۈزلا ئايرىلغان ئىدى،كۈندۈزى زەھەر خۇمارىنى باسقاندىن كېيىن قاتتىق ئۇخلايتى، كەچلىكى بولسا ئۇنىڭ پۇل تېپىش مەزگىلى ئىدى،كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۆزىگە راۋۇرۇس گىرىم قىلىپ پۇل تاپقىلى چىقاتتى،ئەتىسى سەھەردە ئۆيگە كېلىپ يەنەزەھەر چېكەتتى، ئاندىن ئۇخلايتى، ئاندىن يەنە ئورنىدىن تورۇپ پۇل تاپقىلى چىقاتتى……….ئۇنىڭ كۈنلىرى موشۇنداقلا ئۆتەتتى.

     زەھەر چەككەن كۈنلىرىدە زەھەر ئۇنېڭ جېنى ئىدى، بىر دەقىقىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايتتى.

           

    ئالىنىڭ يەنە خۇمارى تۇتتى.ئۇ توختىماي تاماكا چىكەتتى، ئۆزىنى ئۇراتتى ،چىرايى ناھايىتى بىئارامدەك كۆرۈنەتتى.

           خۇمارى توتقاندا ئاغرىققا چىدىماي يىغلايتى.

     

          زەھەر ئۇنىڭ قوللىرىنىمۇ سېسىتىۋەتكەن ئىدى.

     

    ئۇ جىنسى كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ،بىراق ئامال يوق ئىدى.

    ئۇنورغۇنلىغان زەھەر تاشلاتقوزۇش دورىلىرىنى ئىچىپ باققان بولسىمۇ بىراق ھىچ قايسىسىنىڭ رولى بولمىدى.   زەھەر ئۇنى ئورۇقلىتىپ  ئۇنى يا ئادەمگە يا ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى..   بەزى ۋاقىتتا ئۆلۈشنىمۇ ئويلاپ قالاتتى.

      

    مەن ئۇنىڭغا 24سائەت ئەگىشىپ پۈتۈن بىر كۈندە بىر ۋاقمۇ تاماق يىمەي ئۈچ ۋاق ئوكۇل ئۇرغىنىنى، ئىككى قاپ تاماكا چېكىۋەتكېنىنى كۆرەتتىم، تۆنۈگۈن ئۇ كەيىپتىن يىشىلگەندە ماڭا‹مەن زەھەرنى تاشلىماقچى،سەن ماڭا ياردەم قىلالامسەن ›دىدى.

    ياخشى كىشلەرنىڭ ياردىمىدە ئالى زەھەر تاشلاش ئورنىغا كىردى.

      ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق ئويلايدىغىنى زەھەر خۇمارىنى تاشلاپ، ئادەم بولۇپ تورمۇشىنى يېڭىدىن باشلاش ئىدى.

       زەھەر تاشلاش خۇددى مەست قىلماي سۈڭەك ئالماشتۇرغاندەك تەس بولۇپ، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن بەل قويۇۋەتمىگەندىلا ئاندىن ۋوجۇتقا چىقارغىلى بولاتتى.

     

       ئۇ ھازىر زەھەرنى تەلتۆكۈس تاشلىدى،بەدەن ئېغىرلىقىمۇ 10جېڭ ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن  ئۆزىنى نورمال ئادەملەردەك ھېس قىلىدىغان بولدى.

    ئۇ ئۆزىنىڭ زەھەر تاشلاشتىن بورۇنقى رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. زەھەر ئادەمنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرسا ،زەھەر تاشلاش ئۇنى قايتا ئادەملىكىگە قايتۇرغان ئىدى.

      ئالى زەھەرنى تاشلىغاندىن كىيىن قەتئى قايتا ئېغىزىغا ئالمىدى، مەن كۆپچىلىكنىڭ زەھەردىن يىراق تورۇپ ،ھاياتنى قەدېرلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.