ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-26

    "مېنى قىزىل كېيىندۈرۈڭ" - [ئۇنۋېرسال]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35768106.html

     

    تەربىيچى ھەم ساغلاملىق يىتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان باللار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىمەن. بۇ خىل ئالاھدە باللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مېنىڭ ھاياتىمغا بېرىلگەن بىر  سوغات ئىدى. ئۇلار ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى, بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ۋۇجۇدىدىن غايەت زور غەيرەت- شىجائەتنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. مەن سىلەرگە تايلور توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەي.

    تايلور تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئىدى. ئۇ تېببي دورىلارنىڭ ياردىمىدا ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا مەيدىسىدىكى ۋىنا تومۇرىغا نەيچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نەيچە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سومكىنىڭ ئىچىدىكى پومپىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى. دورىلار مۇشۇ پومپىنىڭ ياردىمىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، نەيچە ئارقىلىق ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ئۆتەتتى. بەزى ۋاقىتتا، تايلور نەپەسلىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئوكسېگىنغا مۇھتاج بولاتتى.

    جانغا زامىن كېسەللىككە دۇچار بولغىنىنى بىلگەچكىمىكىن، تايلور باللىق  چاغلىرىدىكى بىر مىنوت ۋاقىتتىنمۇ ۋاز كىچىشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ دائىم دىگۈدەك ئارقا ھويلىدا دورا سومكىسىنى دۈمبىسىگە ئاسقان ۋە كىچىك ھارۋىسى بىلەن ئوكسېگىن قاچىسىنى سۆرىگەن ھالدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. تايلورنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھايات بولالىغانلىقىدىكى ساپ خۇشاللىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان كۈچ- قۇدرىتىگە ھەيران ئىدى. تايلورنىڭ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، ئۇنىڭ بەك تېز يۈگىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيلورنىڭ قىزىل كېيىم كېيۋىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا دەرىزىدىن قاراپلا تەيلورنىڭ نەدىلىكىنى ئاسان كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى دەيتتى.

    بۇ ئۆلگۈر كېسەل ئاخىرى تايلوردەك شوخ ئويناپ يۈرگەن كىچىك ئەزىمەتنى يىقىتىپ قويدى. ئۇ ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانىسىمۇ ئوخشاشلا ئاغرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ساقيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تايلورنىڭ ئانىسى تايلورغا ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن پات ئارىدا جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچۇرىشىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى بەزلەيتتى.

    ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، تايلور ئىشارەت قىلىپ مېنى كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىغا چاقىرىپ: " مەن بەلكىم پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنىڭدىن قورقمايمەن. مەن ئۆلگەندە ماڭا قىزىل كېيىم كەيدۈرۈپ قويۇڭ، بولامدۇ؟ ئانام ماڭا جەننەتكە كېلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتى. شۇڭا مەن جەننەتتە يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقاندا ئانام مېنى ئاسانلا تونىۋالسۇن" دەپ پىچىرلىدى.

     

    "چولپانلار ئىنگىلىز تىلى" (All Star English)  ژورنىلىدىن ئىسكەندەر جېلىل تەرجىمە قىلدى.

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.