ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-26

    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى-1 - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35766984.html

     

    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى

     

     

    1-باب ئومۇمى پىرىنسىپ

    1-ماددا بۇنىزام ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇشى،تارقىلىشىنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە،يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

    2-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ،ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىدىغان مېخانىزىم بەرپا قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ. ھەركىتىگە ئارلىشش ،غەمخورلۇق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنپ، ھەرتەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يولغا قويۇلىدۇ.

    3-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى،ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ نىكاھلىنىش، ئشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتلىرى قانۇندا قوغدىلىدۇ.

    4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بويىچە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمى،مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنۇتۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى باھالايدۇ ۋەنازارەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش،نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بۇلىدۇ.

    5-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلاننى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە، دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ مەمۇرى رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ھەركەت پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

    6-ماددا ئىشچىلار ئويۇشمىسى،كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قىزىل كرېست جەمئىيتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەردەرىجىلىك خەلىق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ياردەملىشىشىگە دۆلەت ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزام، سىياسەت ۋە بىلىم توغرىسىدا تەشۋىق –تەربىيە ئېلىپ بېرىشغاياردەملىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە، دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يىرىك پىلانى ۋە ئۇنىڭدىكى تەلەپ بويىچە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ،ئۇنىڭغا ئىئانە قىلىشىقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق  قىلىشى،ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    8-ماددا دۆلەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش قاتارلىقلارغا دائىر پەن-تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى  داۋالاش پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئەنئەنىۋى دورا بىلەن زامانىۋى دورا بىرلەشتۈرۈلگەن كىلىنكىلىق داۋالاشقا، تەتقىقاتقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. دۆلەت ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بىرىدۇ .

    9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە نەتىجىسى ۋە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن، شەخىسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ئىشلەپ ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، شۇنىڭدەك مۇشۇ سەۋەپتىن كېسەل بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇل ۋە نەپىقە بېرىدۇ .

     

    2-باب تەشۋىق تەربىيە

    10-ماددا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش شۇنىڭدەك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار،ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك ھەققىدىكى تەشۋىق تەربىينى قانات يايدۇرۇپ،ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

    11-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكەت-ۋوگزال، پىرىستان، ئايرۇپورت، باغچا قاتارلىق جامائەت سورۇنى ۋە يولۇچىلار پويىزى ۋە كېمە-پاراخۇت قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېلان تاختىسى ئورنىتىشى ياكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىشى كېرەك.

    12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىق-تەربىينى كۈچەيتىشى، ئەيدىزنىڭ ئا لدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىق تەربىينى قانات يايدۇرغان ئالاقىدار تارماق، تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى كېرەك. داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرى خادىملارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن نىزام سىياسەت ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، تېببي خادىملار ئەيدىز ،جىنسى كېسەل قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەسلىھەت بېرىش، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەريانىدا، داۋالانغۇچىلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

    13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەسئۇل تارمىقى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىككە كىرگۈزۈشكە، دەرستىن سىرتقى تەربىيىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ،ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى  داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك  .

    14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇل تارمىقى پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت تورىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش  تەشۋىق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى تۇغۇت يېشىدىكىلەرگە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە كۆپىيش ساغلاملىقى مۇلازىمىتى قىلغاندا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋەئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

    15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئەمگەك ۋاسىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

    16-ماددا چېگرا پىريۇم-كارانتېن ئاپپاراتى چېگرا پورتلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيىنى كۈچەيتىپ، چېگرىدىن كىرىپ چىقىدىغانلارغا  ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋەئۇنى داۋالاش ھەققىدە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەسلىھەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    17-ماددا دۆلەت ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە قىزىل كرېست جەمئىيتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋەئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىينى ئاياللار-بالىلار خىزمىتى مەزمۇنىغا كىرگۈزۇپ، ئاياللارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، قىزىل كرېست جەمئىيتى ئەزالىرى قىزىل كرېست پىدائىيلىرىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋەئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋىپى بار كىشلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

    19-ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، ئالاقە تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    20-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار، يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار شۇ ئورۇندىكى كەسىپكارلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋەئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن، نىزام ، سىياسەت ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى، شۇ ئورۇندىكى كەسىپكارلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  ۋەئۇنى داۋالاش ھەققىدە تەشۋىق تەربىيسىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

    21-ماددا ناھىىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش –ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى ئورنىتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    3-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش

    22-ماددا دۆلەت ئەيدىز كېسىلىنى كۈزىتىش تورىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئەيدىزنى كۈزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لاھىيسىنى تۈزىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئەيدىزنى كۈزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لاھىيىسىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش پىلانى ۋە خىزمەت لايىھىسىنى تۈزىدۇ، ئەيدىزنى كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىگەللەيدۇ.

    كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش ئەھۋالىنى ۋە پەيدا بولۇش، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كۈزىتىشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.

    چېگرا پېرىيۇم-كارانتېن ئاپپاراتى چېگرىدىن كىرىپ چىقىدىغانلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    23-ماددادۆلەت ئەيدىز توغىرسىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ .

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ئەيدىز توغىرسىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرۈش چارىسى بويىچە، ئىختىيارىي مەسلىھەت سورايدىغان ۋە تەكشۈرتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

    24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمىتىنىڭ  ئېھتىياجىغا قاراپ، ئەيدىز تەكشۈرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

    25-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى  خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ جايلىشىش ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، گوۋۇيۈنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسى بويىچە ئەيدىزنى تەكشۈرىدىغان تەجىرىبىخاننى بېكىتىدۇ.

    دۆلەتنىڭ چېگرا پېرىيۇم-كارانتېن ئاپپاراتى چېگرىدىن كىرىپ چىقىدىغانلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرىدىغان تەجىرىبىخاننى گوۋۇيۈەن مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە قائىدە بويىچە بېكىتىدۇ،

    26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى بۇ نىزامدىكى بەلگىلمە بويىچە ئەيدىزنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايوندىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر ئاھالە كومتېتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئارلىشىش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرىشىغا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋىپى بار كىشلەرنىڭ ھەركىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك .

    ئالاقىدار شەخىسلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش خەۋىپى بار كىشلەرنىڭ ھەركىتىگە ئارلىشىش تەدبىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى  داۋالاش يىرىك پىلانى ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەركەت پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمى ئورنىتىپ ،ئالاقىدار تارماقلارنى زەھەر چەككۈچىلەرگە قارىتىلغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە دورا نازارەتچىلىك تارمىقى ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۆز مەمۇرى رايوندا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، زەھەرگە خۇمار بۇلۇپ قالغانلارنى دورا بىلەن قامداپ داۋالاش خىزمىتىنى پائال پۇختا ئىشلىشى ھەمدە باشقا ئارلىشىش تەدبىرلىرىنى پىلانلىق يولغا قويۇشى كېرەك.

    28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە، نۇپۇس-پىلانلىق تۇغۇت، سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش، دورا نازارەتچىلىك، سۈپەت نازارەتچىلىك تارمىقى، پېرىيۇم –كارانتېن، رادىئو،كىنو-تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار گاندوك بىلەن تەمىنلەش تورىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش كېرەك .

    29-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن جامائەت سورۇننى باشقۇرغۇچىلار جامائەت سورۇنىدا گاندوك قويۇشى ياكى گاندوك بېرىشى، ئاپتوماتىك سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش كېرەك .

    30-ماددا جامائەت سورۇنى مۇلازىملىرى 《جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازلىقىنى باشقۇرۇش مىزانى》دىكى بەلگىلىمە بويىچە، سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ ،ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك؛ باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئسپاتىنى تەكشۈرۈشى سىاغلاملىق ئىسپاتى ئالمىغانلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.

    31-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، توختىتىپ قويۇلغان ۋە جازاسى تۈرمىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە يىغىۋېلىنىپ تەربىيلىنىۋاتقان، زەھەر تاشلاتقۇزىۋاتقان ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيلىنىۋاتقانلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن  ۋە ئەيدىز كېسەللىرىگە مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرى  قوللىنىپ ،ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .

    جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىدىغان ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خىراجەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى ئۇلارغا تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

    32-ماددا سەھىيە تېخنىكا خادىملىرى ۋەزىپە ئجرا قىلىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى ۋە كەسپى ماھارەت جەھەتتە تەربىيلىنىشى، ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇلارغا ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرى ۋە سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللىشى كېرەك .

    33-ماددا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى ۋە چېگرا پېرىيۇم كارانتېن ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە ئۆلچەملىك مۇداپىئە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفكسىيەلەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەيدىزنىڭ دوختۇرخانىدىن يۇقۇشى ۋە تىببي مەنبەدىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    34-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى جايلار بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا بىنائەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇشى كېرەك.

     

    35-ماددا قان پونكىتى ، قان پلازمىسى ئېلىش پونكىتى ئادەم قېنى ، قان پلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك ؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى ۋە قان پلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بېرىشكە بولمايدۇ .قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلار قان پلازمىسىنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ھەر بىر قان پلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك ؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ماتېرىيال قان پلازمىسىنى قان پلازمىسى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ .داۋالاش ئاپپاراتلىرى جىددىي قان لازىم بولغاندا ،دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى ، كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىشى كېرەك ؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ، ئېنىقلانمىغان ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى ئېلىشقا ياكى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

    36-ماددا ئالىدىغان ياكى ئىشلىتىلىدىغان ئادەم توقۇلمىسى ، ئەزاسى ، ھۈجەيرىسى ، يىلىكى قاتارلىقلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك ؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىرىنى ئېلىشقا ياكى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ . لېكىن ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىلىمىي تەتقىقاتىغا ، ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    37-ماددا ئادەم قېنى ، قان پلازمىسى ، توقۇلمىسى ، ئەزاسى ھۈجەيرىسى ، يىلىكى قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشتا ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك ؛ ئادەم قېنى ياسالمىسىنى ئىمپورت قىلىشتا ، دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەتچىلىك تارمىقىغا تەستىقلىتىپ ، ئىمپورت دورىلىرى رويخەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش كېرەك .گوۋۇيۈەن سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان ئادەم قېنى ، قان پلازمىسى ، توقۇلمىسى ، ئەزاسى ، ھۈجەيرىسى ، يىلىكى قاتارلىقلارنى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە-كارانتىغا ئائىت قانۇن ، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ، چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىغا كارانتىن قىلدۇرۇشى كېرەك . كارانتىن قىلىنمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.

    38-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك :(1)كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى ياكى چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش؛(2)يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى ئۆزى بىلەن جىنىسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش؛(3)يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى كېسەل كۆرگەن دوختۇرغا ئەينەن ئېيتىش ؛(4)زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش .ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەرنىڭ ئەيدىزنى ھەر قانداق يول بىلەن قەستەن يۇقتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    39-ماددا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى ، چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى ئەيدىزنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەندە ، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسىلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك .شۇ كىشىنىڭ ياكى ۋەسىيىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىز كېسەللەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ، ئادرېسى ، ئىشلەيدىغان ئورنى ، سۈرىتى ، كېسەل تارىخى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سالاھىيتىنى بېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا ، شۇ بۇيۇمنى پېچەتلىسە ھەمدە تەكشۈرسە ياكى دېزىنفېكسىيەلىسە بولىدۇ . تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بۇيۇمنى گىگېنىلىق بىر تەرەپ قىلىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك؛ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بۇيۇم ياكى دېزىنفېكسىيلىگەندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدىغان بۇيۇمنىڭ پېچىتىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.
    4-باب داۋالاش قۇتقۇزۇش

    41-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش ، دىئاگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشى كېرەك.داۋالاش ئاپپاراتى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىرى ياكى ئەيدىز كېسەللەرنىڭ باشقا كېسىلىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرىشىگە ياكى رەت قىلىشغا يول قويۇلمايدۇ.

    42-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى خادىملىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارغا يۇقۇملىنش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى ئەينەن ئۇقتۇرۇشى ؛ شۇ كىشىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا،  ئۇنىڭ ۋەسىيىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

     43-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكا يېتەكچىلىك لايىھىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، ھامىلىدار ، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈشى ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە مەسلىھەت بېرىشى ، تۇغۇت ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشى ، ۋىرۇس مەنبەسىنى ئۈزۈشى ، داۋالىشى، تۇغۇتتىن كېيىن يوقلىشى ، بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

    44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى غەمخورلۇق قىلىش ، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك : (1)يېزىلاردىكى ئەيدىز كېسەللەر ۋە شەھەر ، بازارلادىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ب





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.