-
2009-02-26
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى-1 - [ئەيدىز]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى 457- نومۇرلۇق
"ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى"2006-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 122-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى ، 2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .
1-باب ئومۇمى پىرىنسىپ
1-ماددا بۇنىزام ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇشى،تارقىلىشىنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە،يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى.
2-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ،ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىدىغان مېخانىزىم بەرپا قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ. ھەركىتىگە ئارلىشش ،غەمخورلۇق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنپ، ھەرتەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يولغا قويۇلىدۇ.