ئۇزۇنغا يۈگۈرەيدىغانلار دىققەت: ھەر ھەپتىدە تۆت سائەتتىن كۆپ چېنىقىش ئويلىغىنىمىزدەك ساغلاممۇ ئەمەس
يېقىندا مارافونچە يۈگۈرۈشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيانلىق تەرەپلىرى توردا قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان. تۆۋەندە بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
يۈگۈرۈش بولسا بارلىق تەنھەرىكەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، تېخنىكىنى ئاز تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ئېنېرگىيەنى ئەڭ كۆپ خورىتىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، يۈگۈرۈش ئارقىلىق يۈرەك ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە مېتابولىزمنى ياخشىلىغىلى، مۇسكۇلنى كۈچەيتىپ، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئۇزۇنغا يۈگۈرگەندە بەدەن ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ بۇ ھەقىقەتەن سىزنىڭ دىققەت قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك مەسىلە.
بەزىلەر ئۇزۇن يۈگۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
پۇت بوغۇم تەرەققىياتى نورمالسىز كىشىلەر (تىزى ئىچىگە ئۆرۈلۈپ قالغان ياكى سىرتىغا ئۆرۈلۈپ قالغان كىشىلەر)، ئولتۇرغۇچ سۆڭىكى نورمال يېتىشمىگەن كىشىلەر، پۇت ھوشۇقىدا كېسەللىك ئۆزگۈرۈشلىرى بولغان كىشىلەر، تاپان كېسەللىكى بار كىشىلەر، تۈز تاپان، پۇت ئاستى سېرىقئەت ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر يۈگۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت يۈگۈرۈش يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنى خوراتمايدۇ
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بوغۇمنىڭ تۇرغۇنلۇقلۇقىنى كۈچەيتىش، بوغۇم كۆمۈرچەكلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، يۈگۈرۈش كىچىك قەدەملىك ھەرىكەت بولغاچقا يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەككە كېلىدىغان بېسىم ئازراق بولىدۇ. شۇڭا بەدىنى ئېغىر ياكى يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچىكىدە ئەزەلدىن مەسىلە كۆرۈلگەن كىشىلەردىن سىرت بەدەن ساغلاملىقى نورمال كىشىلەر يۈگۈرگەندە يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنى خوراتمايدۇ.
توغرا ئۇسۇلدا يۈگۈرۈپ، بوغۇم ئىقتىدارىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك
يۈگۈرگەندە، بوغۇمغا قان تولىدۇ. ئەگەر داۋاملىق يۈگۈرمەيدىغان بىرى تۇيۇقسىز 10 نەچچە كىلومېتىر يۈگۈرسە، بوغۇملىرى كۆنەلمەي بوغۇم ئىششىش، بوغۇم سىلىق پەردە ياللۇغى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر توغرا چېنىققاندا بوغۇمنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇزۇن يۈگۈرەشكە ماس كەلمەيدۇ
كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى ھەر قېتىمدا ئۈچ كىلومېتىر ئەتراپىدا يۈگۈرۈش بولىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان تەتقىقات تۈرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا ھەر ھەپتىدە 4 سائەت يۈگىرەيدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۈگۈرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن كۆرىنەرلىك پەرقلەنمەيدىكەن.
مارافونچە يۈگۈرۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بەدەن تەڭشەش لازىم
مارافونچە يۈگۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار قاتنىشىشتىن 3 ئايدىن 6 ئاي بۇرۇن مەشىق قىلىشى كېرەك، مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ھەرئايدا بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە يۈگۈرۈش كېرەك، بۇنداق بولغاندا مارافونچە يۈگۈرگەندە بەدەنگە بولغان زىيانلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
يۈگۈرۈشتىن بۇرۇن تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىش كېرەك.
يۈگۈرگەندە جاي ۋە ۋاقىتنى ياخشى تاللاش، تۈز، كەڭرەك مەيدانلاردا ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى يۈگۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرىت ئادەتتىكى كىشىلەر يۈگۈرگەندە ئادەتتىكى يۈگۈرۈش ئاياغلىرىنى كىيىش كېرەك، مەخسۇس تەنھەرىكەتچىلەر ئايىغىنى كىيمەسلىك كېرەك، بۇنداق بولغاندا مەخسۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاياغ ئاستى نېپىز بولغانلىقتىن تىزى يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سوزۇلما ھەرىكەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !