قىرىق ياشتىن چوڭ ئاياللار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1.تاشقى قىياپەت جەھەتتە:
تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر بارغانسېرى ئىلمىي, ساغلام ئوزۇقلىنىشقا يۈزلەندى. شۇڭا 40 ياشتىن چوڭ ئاياللار ئۆزىگە بەكرەك كۆيۈنۈپ ياخشى كۈتۈنسە «ئادەم قېرىسا سەتلىشىپ كېتىدۇ» دېگەن ھالغا چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇلار ئۆزىگە قانداق پەرداز قىلسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى, مەلۇم بىر خىل تەنھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرسا زىلۋا بەدەنگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى, قانداق سورۇندا قانداق كىيىنىشنى بىلىدۇ. گەرچە «ياشلىق»تىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق لاتاپىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
2. كەسىپ جەھەتتە:
ياخشى تەربىيە كۆرگەن, كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە ئاياللار40 ياشقا كىرگەندەتەبىئىيلا مەلۇم دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. كەسىپتىكى نەچچە يىللىق كۈرەش قىلىش, تىرىشىش جەرياندا كىچىك ساددا قىزدىن تەجرىبىلىك قابىل ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ. كەلگۈسى نىشانى ئېنىق بولىدۇ. ئۆزىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولۇش بىلەن بىرگە ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن كەسىپتىكى ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالايدۇ. بىلىمى موللىشىپ بارىدۇ.
3. ئىقتىسادىي جەھەتتە:
ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىق, 40 ياشلىق ئاياللارنىڭ ئوي-پىكىرىنى ۋە ھەرىكىتىنى مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىدۇ. بەلكىم ئۇلار مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەيدىيەلمەسلىكى, ئېسىل داچىلاردا ئولتۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشىشى ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك غورۇرىنى تېخىمۇ ئۈستۈن قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ قولى بەلكىم ئىنتايىن تېز سۈرئەتتىكى كۇنۇپكا تاختىسى مەشغۇلاتىنى قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۈچ ۋاق تاماقنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەييار قىلالايدۇ. تاپىدىغان پۇلىمۇ ئاز ئەمەس.
4. مۇھەببەت جەھەتتە:
گۈزەل ئاياللاردا ئەلۋەتتە ھېسسىي مۇھەببەت كەم بولمايدۇ. 40 ياشتىن ھالقىغاندا ئۇلارنىڭ تارتىنىش, خىجىللىق ھېسسىياتى تەدرىجىي سۇسلايدۇ. قانداق قىلىپ تۇرمۇشتىكى مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشنى,مۇھەببەتنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنى بىلىدۇ. ئۇلار پاسسىپ ھالەتتە مۇھەببەتنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەم مۇھەببەتكە ئىنتىزار ئىكەنلىكىنىمۇ چاندۇرمايدۇ. ئەمما مۇھەببەتنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
5. پسىخىكا جەھەتتە:
40 تىن ئاشقان ئاياللارنى «پىشقان ئايال»دەپ سۈپەتلەيمىز. ئۇلار ھېسسىي ۋە ئەقلى جەھەتتە تېخى مۇقىملاشمىغان بولىدۇ. كەسىپلەشكەن تەبەسسۇم, قائىدىلەشكەن تەدبىرلىك نىقابىنى ئېلىۋەتسە ئۇلارنىڭ قەلبى يەنىلا يالقۇنلۇق ھالەتتە. ئوقۇش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشنىڭ لايىقىدا بولۇشىنى ,ئۆزىنى ئاسراشنى, نېمىنى ھازىرلىغاندا نېمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ. شۇڭا مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا, 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئاياللىق مەزگىلىنىڭ ئالتۇن پەسلىنى ياراتقان بولغاچقا, ئەرلەرنىڭ قايىللىقىنى ھەم ئامراقلىقنى قوزغايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !