بەزى كىشىلەرنىڭ نىكاھى ئۆمۈرلۈك بولىدۇ, يەنە بەزىلەرنىڭ نىكاھى پەقەت بىر نەچچە يىللىقلا بولىدۇ. نىكاھ قارىماققا ئەينەككە ئوخشاش قاتتىق كۆرۈنگەن بىلەن, ئەمەلىيەتتە نازۇك بولىدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەر ئۆمرىدە قايسى 10 تۈرلۈك ئىشنى بىلىشى كېرەك?
1.خىزمەتتە ھورۇن بولماسلىق.
نىكاھ بىلەن خىزمەت ئەرلەرنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالمىسا ئۇنداقتا ئەر كىشىنىڭ ھاياتى «كەمتۈك» بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر كۆڭلىدە كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ, ئەمما خىزمەتتە بولسا ئارزۇغا لايىق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمايدۇ.
مەسىلەن: بەزى ئەرلەر خىزمەتتە ھورۇن ياكى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ئەمەس. لېكىن كەسىپداشلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆسسە ھەسەتخورلۇق قىلىدۇ.
2.تالاغا قاراپ قېلىپ خوتۇن بالىلىرىغا ئازار بېرىش.
نۇرغۇنلىغان ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە سادىق بولىدۇ, ئېرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن كېيىن بالا ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھتىن ئالدىراپ ئاجراشمايدۇ. بىراق ئېرى تالاغا قاراپ قالغاندىن كېيىن ئايال كىشى تۇرمۇشتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەس بولۇپ قالىدۇ. ئېرىنىڭ بىر قېتىملىق تالاغا قاراپ قېلىشى بىلەن ئايال كىشى ئېرىدىن بىر ئۆمۈر شۈبھىلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى, ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ تالاغا قاراپ قالغىنىنى ئۇنتۇشقا ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە ئازابلىق جەريان كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئاجرىشىپ كېتىش نېيىتى بولمىسا, ئاشنا تۇتماسلىقى كېرەك.
3.ئايالى بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا ئاجرىشىشنى تىلغا ئالماسلىق.
«ئاجرىشىش» دېگەن بۇ سۆزنى ئاياللار دائىم جېدەللىشىپ قالغاندا پەقەت ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن دەيدۇ. ئەگەر ئەرلەر «ئاجرىشايلى» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالسا, ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئەرنىڭ چوقۇم باشقا مەقسىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاياللارغا خەتەر تۇيغۇسى بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەرلەر جېدەللىشىپ قالغاندا ھەرگىز ئاجرىشىشنى تىلغا ئالماسلىقى كېرەك.
4. خەقنىڭ خوتۇنىنى ماختاپ, ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق.
ئايالىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىرىنى ئىنكار قىلغانلىق. بۇنداق قىلغاندا ئايالىڭىز سىزنى ئۇ مېنى «چۈشۈردى», دەپ ئويلاپ قاتتىق خاپا بولىدۇ ۋە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئايال كىشى ئىشەنچىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن تەلۋە, ئۈمىدسىز, چۇس مىجەز بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئايالىڭىزنى خەقنىڭ ئالدىدا ھەرگىز چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
5.ئايالىنىڭ ئالدىدا دائىم بۇرۇنقى مۇھەببەت تارىخىنى سۆزلىمەسلىك.
ئاياللار مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ئەرلەرنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت تارىخىغا قىزىقىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت, ئۆزىنىڭ ئەرلەر بۇرۇن ئارىلاشقان باشقا ئاياللاردىن مۇھىملىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى قىز دوستى بىلەن بولغان ئىشلارنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ ئالدىدا دائىم بۇنى تىلغا ئالماسلىقى كېرەك. چۈنكى بىرىنچىدىن, ئاياللار ئەرلىرىنى تېخى بۇرۇنقى قىز دوستىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەپتۇ, دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئىككىنچىدىن ئاياللار كۈندەشلىك قىلىدۇ.
6.ئاياللارنىڭ بازار ئارىلايدىغان ئىشىغا بەك ئارىلىشىۋالماسلىق
. ئاياللار ئەرلەرنىڭ تاماكا چىكىشىنى, ھاراق ئىچىشىنى ياقتۇرمىسىمۇ ئەرلەر يەنىلا بۇنى تاشلىمايدۇ. ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ بازار ئارىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ, ئەمما ئاياللار داۋاملىق بازا ئارىلاۋېرىدۇ. تاماكا چەكسىمۇ, ھاراق ئىچسىمۇ پۇل كېتىدۇ, بازار ئارىلىسىمۇ پۇل كېتىدۇ. پەقەت پۇل خەجلەيدىغان «مەھسۇلات» لا ئوخشاشمايدۇ شۇ.
7.ئاياللارنىڭ قىزىقىشىغا چەكلىمە قويماسلىق.
ئەرلەر ئادەتتە ئولتۇرۇشلارغا بېرىشقا ئامراق. شۇڭا ئۇلار تاماق يېگەن, ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن ئۆيدە بولمايدۇ. ئەرلەرنىڭ ئۆيدە بولماسلىقىغا «ئولتۇرۇش» باھانە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۇنچە كۆپ ئولتۇرۇشى يوق, پەقەت ئويۇنغا زىيادە ئامراقلىقىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن, ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ قىزىقىشىنى ھۆرمەت قىلىشى, ئاياللارنى خىزمەت ۋە ئائىلە ئىشىنىلا قىلىدىغان «ماشىنا» ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك, بولمىسا ئاياللارغا ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ.
8.ئايالىغا ئائىلە ئىشىنى يۈكلەپ قويماسلىق.
بۇرۇنقى جەمئىيەتتە ئاياللار پۇل تاپمىغاچقا, ئۆينىڭ بارلىق ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ھەق ئىدى. ئەمما ھازىر ئاياللارمۇ پۇل تاپىدىغان بولغاچقا, ئاياللارغا ئۆي ئىشىنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەر-خوتۇنلار ئۆي ئىشىنى قىلغاندا تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىشى كېرەك. بىر تەرەپ تاماق ئەتسە, يەنە بىر تەرەپ قاچا يۇيۇش, بىر تەرەپ ئۆي جاھازىلىرىنى سۈرتسە يەنە بىر تەرەپ پولنى سۈرتىشى كېرەك. ئەرلەرنىڭ ئېسىدە بولۇش كېرەككى,ئاياللارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى جاپا تارتىپ قېلىش ئەمەس بەلكى روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇق.
9.ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئايالىغا قول تەگكۈزمەسلىك.
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئايالىغا زوراۋانلىق قىلىدىغان ناچار ئەرلەرنى جازالاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. گەرچە ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ ئېغىزىنى باشقۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قول تەگكۈزسىمۇ, ئەمما ئەر-خوتۇن ئارىسىدا قول كۆتۈرۈش بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ, يەنى سىز ئۇرغان ئايال دەل ئۆزىڭىزنىڭ خوتۇنى. ئەگەر ئايالىڭىزنى ئۇرسىڭىز, ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى ئاياللارنىڭ نەزىرىدە بۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان قىلمىش.
10.ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزگەنلىكىگە ۋاتىلدىماسلىق.
ئادەتتە ئاياللار ئۆزىنى «بەتخەج» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئاياللار ئاتا-ئانام مېنى مىڭ جاپادا بېقىپ چوڭ قىلسا, ئاخىرى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كەتتىم, دەپ ئويلاپ ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن, يېڭى توي قىلغان ئاياللار چوڭ ئۆيدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ بالىلىرى چوڭ بولغانسېرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشى ئازىيىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئاياللار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قىممەت سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قەرزدارلىق تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش ئۇسۇلىغا تولا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !