ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كانادالىق ۋە ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر نەچچە مىڭ ئادەم ئۈستىدە ئۇزاق يىل تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: دوستلىرى كۆپ ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن، بۇ بايقاشتىن ئايانكى ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى زور.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئادەم ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا ئاكتىپ بولسا، بۇ خىل ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىكى ساغلاملىققا مەسئۇل رايونىنى جانلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، بۇ خىل مۇستەھكەملىنىش ئۇلارنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىقنى ياخشىلايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !