ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بىئارام بولۇش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، قىزىش...ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا بولىدىغان بۇنداق ئالامەتلەر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردىمۇ پەيدا بولىدۇ. ئەرلەردە مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بىز بۇنى ئەرلەردىكى كىلىماكتىرىيە دەۋرى دەپ ئاتايمىز. ئەرلەردە نېمە ئۈچۈن كىلىماكترىيە دەۋرى يۈز بېرىدۇ؟ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئەرلەر كىلىماكترىيە دەۋرىگە كىرگەندە بىئارام بولۇش، ئىچى تىتىلداش، خامۇشلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. جىسمانى جەھەتتە مۇسكۇل ئاغرىش، ھېرىش، چارچاش، پۈتۈن بەدىنى قىزىش، بېشى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئاياللاردىكى دەۋر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
ھەيز توختاشنىڭ ئالدى كەينىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە چىشى ھورمۇن تېز سۈرئەتتە ئازىيىدۇ، مانا بۇ ئاياللارنىڭ كىلىماكترىيە دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بىشارىتى. ئەرلەر 30ياشتىن ھالقىغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمون پەيدىنپەي ئازىيىدۇ، ئەگەر ئازىيىش سۈرئىتى تېز بولۇپ كەتسە، ئەرلەردە كىلىماكتىرىيە دەۋرى يۈز بېرىدۇ.
ئۇنداقتا ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بەدىندە ئەرلىك ھورموننىڭ ئازىيىشى نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ؟ ياپونىيە ئەرلەر كىلىماكترىيە تېبابىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەت ئورنىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، رىقابەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، تۇرالغۇ ئۆي قەرزى، ئوقۇش پۇلى، ئورۇن تۇتۇپ ياتقان بوۋاي -مومايلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش زۆرۈرىيىتى... قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرگەن ئېغىر بېسىم، شۇنداقلا ھەر خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان روھىي جىددىيچىلىك ئەرلەردە كىلىماكتىريە ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. دوختۇرلار ئەرلىك ھورمۇنى بەلگىلەنگەن قىممەتتىن تۆۋەنلەپ كەتكەن بىمارلارنى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئەرلىك ھورموننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن داۋالايدۇ، لېكىن بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرلىك ھورمون ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغان ئەرلەر مەزى بېزى راكىغا ئوڭاي گىرىپتار بولىدىكەن. شۇڭا بەزىدە جۇڭيى دورىسى ياكى خامۇشلۇق كېسىلى دورىسى بىلەن داۋالاشقىمۇ بولىدىكەن.
ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان، ئۇيقۇسى ئاز ئەرلەردە كىلىماكترىيە ئالامىتى روشەن بولىدۇ، كىلىماكتىرىيە ئالامىتىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەرلەر دەم ئېلىش كۈنى ئىمكانقەدەر دەم ئېلىشى، يېمەك ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى، مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىشى، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى، تۇرمۇش ئادىتىنى قانۇنىيەتلەشتۇرۇشى كېرەك. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىلىماكترىيەنىڭ جىسمانىي ئالامىتى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، شۇڭا ئەرلەر ئەرلىك ھورمۇنىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !