شىنخۇا تورى 21- نويابر خەۋىرى:
ئەنگىلىيە vouchercloud.co.uk تور بېكىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى قورامىغا يەتكەن 2412 كىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئىچىدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاز دېگەندە بىر يىل تۇراقلىق كەيپىيات ئىچىدە تۇرغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %26 ئەر ئۆزىدە فىزىئولوگىيەلىك دەۋىر بارلىقىنى، ھەر ئايدا دائىم بىر قانچە كۈن خۇددى ئاياللار باشتىن كۈچۈرىدىغان ھەيىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك يىغىندى ئالامەتكە ئوخشاش چارچاش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش، ئىشتىيى ئېچىلىپ كېتىش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، ھەتتا %5 ئەردە قۇرسىقى مۇجۇم ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلگەن.
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %50 ئايال يولدىشىنىڭ « فىزىئولوگىيەلىك دەۋىر »نى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ھېس قىلغان، %43 ئايال زورىغا قىزىق گەپ قىلىپ ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرغان، قالغان %40 ئايال بولسا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغان. قىزىق يېرى شۇكى، ئۆزىدە فىزىئولوگىيىلىك دەۋىر مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئەرلەر ئۆزىنى كۈتۈشكە تېخىمۇ ماھىركەن، ئۇلار ھەر ئايدا 150 فۇندېستىرلىك ( 1460 يۈەن خەلق پۇلى ) نى كۆپ خەجلەپ، سىرتتىن ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئەكرىپ يەپ ئۆزىگە تەسەللىى بېرىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ئالىملار ئەرلەردىمۇ « فىزىئولوگىيەلىك دەۋىر » مەۋجۇت بولىدىغانلىقىغا ئېشىنىدىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا دانىيەلىك ئالىم ئەرلەرنىڭ سۈيدۈكىدىنى تەكشۈرۈپ ئەرلىك ھورمۇننىڭ 30 كۈننى بىر دەۋىر قىلىدىغانلىقىنى، ساقالىنىڭ ئۆسۈشىنىڭمۇ بۇ ئۆزگىرىش قائىدىسىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !