ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟

    مۇزىكا بىلەن سۈرەت، شېئىر دىكلىماتسىيەسى تولىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۈچى پەيدا قىلغان. ھاياجاندىن شېئىرىي تۇيغۇدا ياندىم. «ئولتۇرۇپ مەن بىلەن يىغلايالامسەن؟» نەقەدەر شېئىرىي گەپ ھە؟!!  قېنى تېڭشاپ بېقىڭ!

    ئايلانسام گەر نۇرسىز يۇلتۇزغا،
    كۆككە قاراپ مېنى ئىزدەمسەن؟
    تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ بىر كۈن،
    تۈگۈلۈپ قالسام كۆڭلىڭ بۇزامسەن.

    ئۈششۈك تىگىپ مۇزلىسام ئەگەر،
    مىھرىڭ بىلەن باغرىڭ ياقامسەن؟
    يارىلىرىمنى تېڭىپ قولۇڭدا،
    ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟

  • شېئىر ۋە ئۇنى چۈشىنىش
    غەيرەت ھوشۇر

    شېئىر ھەرقانداق ئىنساننىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان، ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس سېھىرلىك سۆيگۈ. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، شېئىرنى ھېس قىلىش، ۋۇجۇدىدىن قېزىپ چىقىش، ئۇنى ئىپادىلەش، تەپەككۇر ئالىمىدە رەڭ بېرىپ روياپقا چىقىرىش شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانىيەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  • ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

     ئۇيغۇر شېئىرىيىتى باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ئاخىرقى مەنزىلى چەكسىزلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان يولدا كېتىپ بارغان سىرلىق كارۋانغا ئوخشايدۇ . بىز بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلمىساقمۇ، ئاشۇ سىرلىق كارۋاننىڭ قانچىلىغان داۋان ۋە ئۆتكەللەرد...
  • ئەڭ ئېسىل شېئىردۇر ئەسلىدە ئىنسان  بىر پارچە شېئىرغا ھاياتنى سىغداش

    مۇمكىندۇر بۇنىڭغا ئىشەنگىن شەكسىز.

    كىچىكلا مۇشتۇمدەك يۈرەكتىن چىققان،

    خىيالمۇ بوي سوزار ئالەمگە چەكسىز.

     

    بى...