ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-02

    2010-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مارىيو ۋارگاس لوسا - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    2010-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مارىيو ۋارگاس لوسا

    توختىمەھمۇد ئەلائى

    2010-يىلى 7 – ئۆكتەبىر شىۋېتسىيە پادىشاھلىق ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى مۇشۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ پېرۇلۇق يازغۇچى مارىيو ۋارگاس لوساغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

    شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇكاپات ئېلانىدا مۇنداق دېيىلدى: «ۋارگاس لوسا ھوقۇق قۇرۇلمىسىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەپ، شەخسنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش، ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە مەغلۇپ بولۇش ئوبرازىنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بېرىلدى».

    مارىيو ۋارگاس لوسا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ شان – شەرەپنىڭ ماڭا بېرىلىشى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ «لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتى ۋە ئىسپان تىلى ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى»- دېدى.

    مارىيو ۋارگاس لوسا 1936 يىلى 28 – مارت پېرۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەكىپە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئەرەكىپە شەھىرىدە تۇغۇلغان، پېرۇ ۋە ئىسپانىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە يازغۇچى ۋە شائىر. ئۇ 1953- يىلى پېرۇ دۆلەتلىك ماركوس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات ۋە قانۇن ئۆگەنگەن، 1958-يىلى ئەدەبىيات (تىلشۇناسلىق) بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى دۆلىتىدىن ئايرىلىپ فىرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بولغان، كېيىن لوندوندا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ياش ۋاقتىدا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان. بانكا خادىمى، مۇخبىر، مۇھەررىر، كۇتۇپخانا خادىمى بولغان. ئۇ يەنە چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن.

    ئۇ ئىجادىيەت ھاياتىدا پىروزا، سەھنە ئەسىرى، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، شېئىر، ئەدەبىي تەقرىز، سىياسىي ئوبزورلارنى يازغان، شۇنداقلا سەھنە – كىنو ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە رادىيو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم سىياسىي بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ۋارگاس لوسا تۇنجى دىرامىسىنى 1952 – يىلى ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆزگىرىشچان ۋە ئاجايىپ – غارايىب پىروزا ئۇسلۇبى ۋە مول، رەڭگارەڭ ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرى ئارقىلىق «قۇرۇلما رېئالىزم ئۇستازى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن.

    ۋارگاس لوسا لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى تەسىرگە ئىگە يازغۇچى بولۇپ، ئىلگىرى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى سېرۋانتېس ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 1965يىلى «يېشىل ئۆي» ناملىق رومانىنى ئېلان قىلىپ، 1967 – يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان رومۇلو گەلېيگوس خەلقئارا پىروزا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    ۋارگاس لوسا ھازىرغىچە 30 نەچچە رومان، دىراما ۋە نەسرىي ئەسەر ئېلان قىلغان. «شەھەر ۋە ئىت» ناملىق ئەسىرى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن يەنە «ئاخىر زامان ئۇرۇشى»، «قاتىل كىم»، «بايانچى»، «يالغان سۆز ئىچىدىكى رېئاللىق»، «جەننەت رەستىسىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا» قاتارلىقلار بار.

    مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us