ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-06

    (1)تارىخىي جاھانكۇشاي - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

                                              ئاتا مەلىك جۇۋەينى

     تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆمەرجان نۇرى

    ئاتا مەلىك جۇۋەينى (1226-1303) پېرسىيەنىڭ جۇۋەين ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئەجدادى سەلچۇق ۋە خارەزم سۇلتانلىقىدا ” ساھىب دىۋان “ (مالىيە ۋەزىرى)مەنسىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن” ساھىب دىۋان “جەمەتىنىڭ پامىلىسى بولۇپ قالغان . دادىسى باھاۋىددىن موڭغۇللار دەۋرىدە خۇراسان ، مازاندىراندا ” ساھىب دىۋان“لىق مەنسىپىدە بولغان . جۇۋەينى 20 ياشقا كىرمەستىنلا موڭغۇللار ھۆكۈمىرانلىقىدا مەمۇرى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان بولۇپ ، كىيىن ماۋەرائۇننەھرىنىڭ ئەمىرى ئارغۇننىڭ كاتىبلىقىنى قىلغان . شۇڭا ئارغۇن ھەر قېتىم موڭغۇلىيەدىكى قارا قۇرۇمغا سالامغا كەلگەندە جۇۋەينىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن . 3. قېتىم (1252-1253) قارا قۇرۇمغا سالامغا بېرىش سەپىرىدە دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ «تارىخى جاھانكۇشاي›› دېگەن ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان . كىيىن باغدادنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىنىپ ، مەمۇرى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تاماملىيالمىغان .

    «
    تارىخى جاھانكۇشاي››دا چىڭگىزخاندىن ھىلاكۇ ھەشىشىيە مەزھىبىنى باستۇرغانغا قەدەر بولغان تارىخ بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئەسەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن . 1. قىسىم 41 باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھاياتى ھەم ئۇيغۇرلار ، قارا خىتايلار ھەققىدە بايان قىلىنغان . 2. قىسىم 32 باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، موڭغۇللارنىڭ تۈركىستان ۋە پېرسىيەدىكى پائالىيىتى بايان قىلىنغان . 3.قىسىم 16 باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، تولېي ، موڭكو ۋە ھىلاكۇ دەۋرىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان .

    جۇۋەينى ئۇ دەۋردىكى ۋەقەلەرنى تەپسىلى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ، ئىسلام دىنىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ، باشقا دىن ۋە غەيرى مەزھەبلەرگە بولغان چوڭقۇر نەپرىتىنى گەۋدىلىك بايان قىلغان . شۇڭا ئەينى چاغدا ھازىرقى تۇرپاننى مەركەز قىلغان قوچو ئۇيغۇرلىرى ۋە شۆھرەت تاپقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە نەپرەت بىلەن قاراپ ،” ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى بىلىم ۋە ئىلىمنىڭ چوققىسى قىلدى “ ( Boyle.pp 7 , 6) ” تاتارلار ئۆزىنىڭ يېزىقى بولمىغاچقا ، ئۇ(چىڭگىزخان)موڭغۇل بالىلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۈگىنىشكە ھەم ياساق-پەرمانلارنى پۈتۈشكە بۇيرىدى “ ( Boyle.pp 25 , 28, )  دەپ يېزىپ ، ئۆزىنىڭ چىدىماي قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان . شۇنداقتىمۇ ، ئەسەرنىڭ تارىخى ماتېرىيالچانلىقى ناھىيىتى يوقىرى بولغاچقا ، ھەر قايسى جايلاردا كۆچۈرۈلۈپ پايدىلىنىلغان ۋە ساقلانغان .

    «
    تارىخى جاھانكۇشاي››نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھەققىدە ز . ۋ . توغان :‹مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر سەمەرقەندى ، يەنە بىر ئىسمى مۇھەممەد باخشى تەرىپىدىن ھىجىرىيىنىڭ 724 . يىلى مەردىندە يېزىلغان ‹جىھانگۇشا-يى جۈۋەينىنۇسخىسىدا (قەدىمكى)ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچە شىېئرلار يېزىلغان› دەپ ئۇچۇر بېرىدۇ .



    )A .Z .V .Togan : »Umumi Türk Tarihi’ne Giriş« ،Enderun Kitabevi , İstanbul , 1981 , sayfa 272 –c.(



    ئىرانلىق ئالىم قەزۋىنى«تارىخى جاھانكۇشاي››نىڭ پارسچە نۇسخىلىرىنى توپلاپ-تەھقىقلەپ ، ئەسەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ ، 1912 ، 1913 ۋە 1937. يىلى پارسچە نەشرى قىلدۇرغاندىن كىيىن ، ئەنگلىيەلىك پارسشۇناس بويلې  (J.A.Boyle) 1958 ) 1958- يىلى ئېنگلىزچە تەرجىمىسىىگە بىر تالاي ئىزاھات-تەھقىقلەرنى قوشۇپ نەشرى قىلدۇرغان.

    ( Juvaini:,Manchester University,Press , 1958 . )

    خەنزۇ موڭغۇلشۇناس خې گاۋجى何高济) ئېنگلىزچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، 1981 ـ يىلى كۆكخوتتا ئىككى جىلدلىق كىتاب قىلىپ نەشرى قىلدۇرغان

    (志费尼:<世界征服者史>,内蒙古人民出版社 , 1981 , 呼和浩特)

    تۈركىيەلىك Mürsel Öztürk پارسچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ،9199 T يىلى ئەنقەرەدە بىر جىلدلىق ۋە ئىككى جىلدلىق نۇسخىلاردا نەشرى قىلدۇرغان . .لىكىن ، تۈركچە تەرجىمىسى يوقىرىقى ئىككى نۇسخىدەك تولۇق چىقمىغان .

    (Ata Melik C
    üveini“Tarih-i Cihangüşa” Kültür Bakanlığı , Ankara , 1999)

    پارسچە ئەسلى نۇسخىسى گەرچە قولىمىزغا چۈشمىگەن بولسىمۇ ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ ،1 ـ قىسىمدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بەش باپنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم . پايدىلىنىشتا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ھەر باپنىڭ تىما ئاستىغا ئېنگىلىزچە( Boyle.pp دەپ) ، خەنزۇچە( دەپ) ۋە تۈركچە( Mürsel Sayfaدەپ) تەرجىمىسىدىكى بەت ئورنىنى كۆرسىتىپ قويدۇم .


    5 ـ باپ


    ئىدىقۇتنىڭ ئىتائىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى


    (Boyle.pp 45-48 , 49-50 , Mürsel 97-98 Sayfa)

    ئۇيغۇر تۈركلەر باشلىقلىرىنى "ئىدىقۇت" دەپ ئاتايدۇ. مەنىسى، «بەخىت ئىگىسى» دىگەن بۇلىدىكەن. بۇ ۋاقىتىكى ئىدىقۇت بارچۇق ئىسىملىك كىشى ئىدى. قاراخىتايلار ماۋەرائوننەھىر ۋە تۈركىستاننى ئىستىلا قىلغان يىلى باھاردا، بارچۇقمۇ ئىتائەت قاپقىنىغا چۈشۈپ قىلىپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. قاراخىتاي شاھى شاۋكەم ئىسىملىك كىشىنى شاھنەلىققا ئەۋەتكەن. شاۋكەم ھۇلىنى چىڭىتىۋىلىپلا نوچىلىق قىلىشقا باشلىغان. ئىدىقۇت بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ھەر خىل ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرەپ چومپەرىدىسىنى يىرتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاقسوڭەكلەر ۋە ئاۋام خەلق ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىغان. چىڭگىزخان خىتاينى ئستىلا قىلغان زەپەر خەۋىرى ھەر تەرەپكە تارقالغان. بۇ چاغدا، ئىدىقۇت شاۋكەمنى «قارا خۇجا» دەپ ئاتايدىغان شەھەردىكى بىر ئۆيگە قاماپ، ئۆينى ئۇنىڭ بېشىغا ئۆرۈشكە پەرمان بەرگەن. ئاندىن قاراختايلاردىن يۈز ئۆرۈپ، جاھان ئىستىلاچىسى چىڭگىز قاغانغا ئىتائەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىدىقۇت ئارقىدىنلا قۇت ئالمىش قايا، ئۆمەر ئوغۇل، تاربايلارنى چېڭگىزخان بىلەن كۈرىشىشكە ئەۋەتكەن.چېڭگىزخان بۇ ئەلچىلەرنى ناھايتى كاتتا كۈتىۋالغان. ئامما ئىدىقۇتنىڭ ئۆزى بىلەن كۈرۈشمىسە بولمايدىغانىلىقىنى ئېيتقان. ئىدىقۇت پەرمانغا بويسۇنۇپ ناھايتى تىز چىڭگىزخان بىلەن كۆرىشىپ ئارزۇلارىغا قېنىشىپ زور شەرەپ بىلەن قايتىپ كەتكەن. زور قوشون كۈچلۈككە جازا يۈرۈش قىلغاندا ، ئىدىقۇت بۇيرۇققا ئاساسەن ئەسكەر باشلاپ ئويغۇر ئىلىدىن يولغا چىققان، پەرمانغا بويسونۇپ، ئۇ 300 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشكەن ھەم خاننىڭ بىر بېلىكى بولغان. ئورۇشتىن كېيىن، ئىدىقۇت ئائىلە تائابات ۋە مالايلىرىنى مۇلازىم قىلىش ھوقوقىغا قايتا ئىرىشكەن. كېيىن چىڭگىزخان سولتان مەخمۇتنىڭ دۆلىتىگە قىلغان ھەربى يۈرۈشكە ئىدىقۇت يەنە پەرمان بويىچە ئەسكەر باشلاپ چىققان. چاغاتاي بىلەن ئوگۇداي ئەمىر بويىچە ئوترارنى قورشىغاندا، ئۇمۇ بىرگە ئەگەشكەن. ئوترار قولغا چۈشكەندىن كېيىن تورباي، ياساۋۇر، غاداق ئەسكەر باشلاپ ۋاقاشىپ تەرەپكە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇمۇ قوشۇن بىلەن بىرگە يۈرگەن.ئەڭ ئاخىرى يۇرتىغا قايتقان. چىڭگىزخان تاڭغۇتلارغا قايتا قوشۇن تارتقاندا، ئىدىقۇت ئوخشاشلا پەرمان بويىچە ئادەملىرىنى باشلاپ بەشىبالىغتىن يولغا چىقىپ چىڭگىزخان بىلەن ئۇچراشقان.

    مۇشۇنداق ماختاشقا ئەرزىيدىغان تۆھپىنى قەدىرلەش ئۈچۈن چىڭگىزخان ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى ئېشىپ، بىر قىزىنى ياتلىق قىلىپ بەرمەكچى بولغان. چىڭگىزخاننىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى بۇ قىز ياتلىق بولالمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىدىقۇتمۇ بەشىبالىغقا قايتقان. ئوگۇداي قاغان تەخىتتە ئولتۇرغاندا ، ئاتىسىنىڭ ۋەسىيتى بويىچە ئالتۇن بېكىنى ياتىلىق قىلغان. ئۇ يېرىم يولدا قازا قىلغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قاغان يەنە ئالاچىن بېكىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. ئەمما بېكىنى ئۇزىتىشتىن ئىلگىرى ئىدىقۇت ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان. كېيىن، ئوغلى كەسمەس ئىدىقۇت بولغان. ئالاچىن بېكى بىلەن توي قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كەسمەسمۇ قازا قىلغان. ئۇنىڭ قېرىندىشى سالىندى خانىش تۆرەگەنە خاتۇننىڭ ئەمىرى بويىچە ئاكىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىدىقۇت بولغان. سالىندى تەخىتتە ئولتۇرغاندا ناھايتى تىچلىق بولغان. ئۇ ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. بىراق ‹‹ئۇتۇق ئاتا قىلغۇچى ئاللاھدۇر››.




    6 ـ باپ

    ئۇيغۇر تارىخىنىڭ داۋامى



    (Boyle.pp 49-53 , 55-59 , Mürsel 98-102 Sayfa)

     

    بۇ باپ گەرچە موڭكو قاغان تەخىتتە ئولتۇرغان باپنىڭ كەينىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئامما بۇ بۆلۇم تارىخىنىڭ ئومومى ئورونلاشتۇرلشى بويىچە بولغاندا، بۇنى بۇ يەرگە قىستۇرغان تۈزۈكرەك، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ تەرتىپكە ھۆرمەت قىلغان تۈزۈك.

    پادىشاھى-ئالەم موڭكو قاغانىنىڭ ئىتائىتىگە ئۆتكەن بۇ چاغدا، بەزىلەر سۇيقەست پىلانلاپ، ئالا-توپىلاڭ كۆتەرمەكچى بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر بۇدپەرەست ، دۆلەت ۋەزىرى بالا بىتىكچىنى ئىدىقۇتنى ئىزدەشكە ئەۋەتتى(ھەر قانداق نىمە ئۆز خىلى بىلەن). بالا بىتىكچى نۇرغۇن قەسەم ۋە ساناقسىز ھىلە-مىكىر بىلەن ئىدىقۇتنى ئۆزىگە تارتتى، ئۇ ئۇيغۇرلار بەشبالىغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈپ، مال-دۇنيا ، پەرزەنىتلىرىنى بۇلاشنى ، بەش تۈمەن ئەسكىرىنى قوراللاندۇرۇپ، تاسادىبى جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش ھەققىدە پىلان كۆرسەتتى.بۇ سۈيقەسىتكە بىلگە قۇت، بولمىش بۇقا، ساقۇن، ئايتېكەچ قاتارلىق ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئاستىرتتىن قاتناشتى.ئۇلار بىر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەسچىت ئەتىراپىغا مۆكتۈرۈپ قويۇلغان ئەسكەرلەر يوپورلۇپ چىقىپ،ئۇلارنى ئاخىرەتكە يوللاپ ئىسلام قوشۇنىنى بىچچىت قىلىشنى پىلانلاشتى.


    收藏到:Del.icio.us