-
2010-09-25
سىيىت نوچى داستانى (7) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
سېيىت ئاخۇن دېدى شۇ دەم ،
مىلتىق ئاتقان جاللاتقا :
مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات ،
نائۇستاق يېقىن كەلمە .
سول كۆكسۈمنى چەنلەپ ئات ،
جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە...
مە، ھەققىڭنى ئاق تەڭگە
دېدى سۆزىنى باشلاپ .
بىر سەرلىك كۈمۈش پۇلنى ،
جاللات ئالدىغا تاشلاپ .
جاللات ئالدى ياچەننى
چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ .
تەلەپكە مۇۋاپىق ئۇ ،
ئۈچ ماڭدام كېيىن قايتىپ .
. . . . . .
سېيىت ئاخۇن سېيىت گاڭڭۇڭ ،
تىك تۇرار ئىدى سۈزلەپ .
ماداخۇ دېگەن جاللات ،
ئاتتى جايىنى كۆزلەپ .
يەتتە پاي ئوق تەگكەندە ،
ئېگىز چىنار يىقىلدى .
ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ ،
كۈكتە چاقماق چېقىلدى . . .
قەشقەر ئاسمىنى بويلاپ ،
ئۇچمىغان بۈگۈن كەپتەر ،
سىم - سىم تۆكۈلەر يامغۇر ،
بۇلۇتلار كېزەر كۆكتە .
قاغىلار قاقىلدايدۇ ،
سېپىلدىكى پوتەيدە .
بىزگە شەپقەت بارمىكىن ،
شىيەنگەن بىلەن دوتەيدە ؟ !
دوتەي بىلەن شىيەنگەننىڭ ،
ئىچكەنلىرى قان بولدى .
قەشقەرلىكنىڭ كۆز يېشى ،
سەل بىلەن قىيان بولدى .
شىيەنگەن بىلەن دوتەينىڭ ،
كىملىكى ئايان بولدى .
دەرد تولغان يьرەكلەردىن ،
بۇ سцزلەر بايان بولدى .
سېيىت ئاخۇن، سېيىت گاڭڭۇڭ ،
جېنىدىن جۇدا بولدى .
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ
شۇڭقارى ئادا بولدى .
. . . . . .
سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ،
تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن
يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى .
چالدى چاكىچاك قەشقەر ،
مۆڭ تولغان راۋابىنى .
ئايەم كۈنلىرى كەلسە
تەرك ئەتمەي تاۋابىنى .
مۇڭلۇق قەبرىگە سۈركەپ ،
باغرىنىڭ كاۋابىنى .
ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ ،
يوللىغاي ساۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ ،
تاڭ ۋەسلى شارابىنى .
مانا ئەمدى تولۇق تۈگىدى .
ئىزاھاتلار :
( 1 ) كوزىچى ياربىشى __ تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقى جەنۇب لېۋىگە جايلاشقان مەھەللە ئىسمى .
( 2 ) تۆشۈك دەرۋازا __ قەشقەر شەرقى دەرۋازىنىڭ ئىسمى .
( 3 ) سەپ ___ بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى _ كەينىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زالىملارغا قارشى قۇئۇلغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردىكى شۆبىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ .
( 4 ) ما تىتەي __ 1911 _ يىلىدىن 1932 _ يىلغىچە قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان فاشىست ھەربىي ئەمەلدار، ئەسلى ئىسمى ما پۇشىڭ .
( 5 ) گېلاۋخۇي ھاشىم __ يەكەنلىك ماھىر چامباشچى بولۇپ، ئۇ گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ، يەكەن، قەشقەر ئەتراپىدا داڭق چىقارغان. ئۇنى كىشىلەر گېلاۋخۇي ھاشىم دەپ ئاتىغان .
( 6 ) قارىغا __ بەشكىرەمدە ھەزرەت يول ئايرىلىشىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى .
( 7 ) قومۇش بازىرى __ جاي ئىسمى .
مەنبە : ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى .
历史上的今天:
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى (ئىسلامىزىم) 2010-09-25ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ شىئېرىيەت ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻫﺒﻪﺕ 2010-09-25ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا 2010-09-25
收藏到:Del.icio.us