ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-25

    سىيىت نوچى داستانى (6) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئېلىپ ماڭار ۋاخ بولدى .

    ئات ھارۋىنى قاتقاندا ،

    توققۇز پاي پو ئاتقاندا ،

    تۆت دەرۋازىغا يۈزدىن

    تۆت يۈز چېرىك پاتقاندا ،

    يورغىلىشىپ ھەريانغا ،

    تېپىرلىشىپ ياتقاندا ،

    تەشۋىش تولغان باشلىرى ،

    قارا تاشتەك قاتقاندا ،

    سېيىت نوچىنى چىڭ باغلاپ ،

    ئوردا ئالدىغا ئېپ كەلدى .

    ئۇ ھارۋىدا تىك توختاپ ،

    شۇنداق سۆزنى دەپ كەلدى :

    خوش، ئامان بول قەشقەرلىك ،

    جانجىگەرلەر __ تۇغقانلار .

    بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال ،

    سۆز قەدرىنى ئۇققانلار .

    جامائەت جەم بولۇپسىز ،

    مېنىڭدىن بولۇڭ رازى .

    مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز ،

    بولغىنىدا خۇدا قازى .

    گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم ،

    نادانلىق بالاسىدىن .

    كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان ،

    زالىمنىڭ جازاسىدىن !

    ئەي قەشقەرلىك ، قەشقەرلىك ،

    مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .

    مەندەك بولماي دېسەڭلار ،

    ھەرگىز نادان بولماڭلار .

    نادانلىق ئېلىپ كەتتى ،

    يىگىتلىكتە باشىمنى .

    مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن ،

    ھاشىمدەك ئاداشىمنى .

    جەتنى بىلمىگەن ئادەم ،

    بېشىدا كېزەر ماتەم .

    خەت بىلمەس نادانلارغا ،

    قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم .

    ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ ،

    تەلىم ئالسۇن ياش باللا .

    قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن

    قىساسىڭلار __ ئەنتىڭلار!

    . . . . . .

    مەمەتخان ئىنىم قالدى ،

    جان ئانام ئۇنى باقسۇن .

    مەيلى ئاتسا زالىمالار ،

    قەشقەرگە قېنىم ئاقسۇن .

    قەبرەمنى كۆرۈپ خەلقىم ،

    ئىبرەت ئالغۇسى مەندىن .

    قان قەرزىم قىساسىمغا ،

    ئۈمىد كۈتىمەن سەندىن .

    رازى بولغىن قەشقەرلىك،

    ئەل - يۇرتداشلار خوش ئەمدى .

    بىللە ئويناپ تەڭ ئۆسكەن

    يارۇ دوستلار خوش ئەمدى !

    . . . . . .

    خالايىق نىدا ئەيلەپ ،

    ياشنى تولدۇرۇپ كۆزگە .

    مۇڭ _ زارى ناۋا ئەيلەپ ،

    چۈشتى نالىلىك سۆزگە :

    كاج پەلەكنىڭ قىسمىتى ،

    بۇ كۈننى ساپتۇ سىزگە .

    كۈن ئالماق بۇ قەشقەردە ،

    بولمامادۇ راۋا بىزگە ؟ ! . . .

    بىرنى ئوق بىلەن ئاتسا ،

    ئوننى جادۇغا باسسا ،

    يۈزنى دارغا ئاسسا ،

    مىڭلاپ گۇندىدا ياتسا ،

    ئادەم بېشىنى توغراپ ،

    تاغنىڭ تېشىغا قاتسا ،

    دەردمەن بىر گۇناھكارغا ،

    مىڭىنى ئېلىپ چاتسا .

    بۇ ئالەم زىمىستانلىق ،

    بولدى بىر گۆرىستانلىق .

    گۆرىستاندا ئۆتەرمۇ ،

    بەختى قارا قەشقەرلىك...

    . . . . . .

    سېيىت ئاخۇن، سېيىت گاڭڭۇڭ ،

    يۇرتتىن رازىلىق ئالدى .

    ھارۋىمۇ قومۇشبازىرى ٭

    يېنىغا بېرىپ قالدى .

    ئات! دېدى سېيىت گاڭڭۇڭ

    ھارۋىدىن تۆۋەن سەكرەپ:

    ئات جاللات! ئۇدۇللاپ ئات ! !

    يۈرەككە ئۈدۈل چەنلەپ .

    چېقىر كۆزلۈك بىر جاللات ،

    مىلتىقىنى راسا بەتلەپ ،

    سېيىت گاڭڭۇڭنىڭ ئالدىدا ،

    تۇردى كۆزىگە تەڭلەپ .

    ئارقا ياقتىن جىڭ جاللات ،

    دەرھال تەپكىنى باستى .

    پىستان چېقىپ مىلتىقى ،

    ئۆزى يىقىلىپ ياتتى .

    ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق ،

    كېلىپ تەگدى تاغاققا .


    收藏到:Del.icio.us