-
2010-09-25
سىيىت نوچى داستانى (4) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
خەير ، ئوغلۇم ،
ساڭا ئاقيول بولسۇن ،
خەۋپ - خەتەر سەندىن يىراق تۇرسۇن .
دۈشمىنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلسۇن ،
دوستلىرىڭ شاد - خورام كۈلسۇن .
ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋاي بىلەن خەيرلىشىپ ئېتىغا يەنە مىندى ، ئالغا قاراپ يول يۈردى . يولنى كۆپ بېسىپ ، كۆرگەنلا يەردە كىشىلەر قازان ئېسىپ ، ئاخىر دەمدە قەشقەرگە يېتىپ باردى . قان - ياش ئاقار تۈمەن دەرياسى بىلەن كۆزىچى يار بېشىنى كۆردى .
سېيىت نوچى دېگەن گاڭگۇڭ ،
دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقسا .
ئانا مېھرىنىڭ شامى ،
باغرىدا ئېرىپ ئاقسا .
ھەر ياقتىن خاراب يۇرتى ،
ھەسرەت ئوتىنى ياقسا .
تۈمەن تولغۇدەك قان - ياش ،
تۇرماي تامچىلاپ ئاقسا .
ياش قۇيغان كۆزلەر بىرلە ،
تويماي ھەر تامان باقسا ،
ئىشىككە كېلىپ قاقسا ،
ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ ،
چىراغمۇ ئۆچۈپ قاپتۇ .
ئانىسى غېرىب مەزلۇم ،
ئاھ . . . چېكىپ يېتىپ قاپتۇ ،
غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ ،
ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ .
جان ئانا ... جېنىم ئانا ...
دەپتۇ سۆزىنى باشلاپ .
ئاڭلىتالماي ئۆگزىگە ،
قوشلاپ چالمىنى تاشلاپ .
يەنە تەكرار توۋلاپتۇ ،
بوتىلاقتەك بوزلاپتۇ .
جاراھەتلىك باغرىنى ،
ھەسرەتلىرى تۇزلاپتۇ ،
توۋلاشلىرى تېزلەپتۇ .
ئاخىر ئاڭلاپ ئانىسى ،
يائىدۇرۇپتۇ چىراغنى .
ئويلاپ يېقىن - يىراقنى ،
ئىچىنى خىيال ئوراپتۇ ،
كىملىكىنى سوراپتۇ .
<< جان ئانا ، جېنىم ئانا >>
دېگەن بىر سادا كەلدى .
ئىشىكنى ئاچ ، جان ئانا ،
مۇساپىر بالاڭ كەلدى .>>
شۇ سۆز بىلەن ئانىسى ،
ئىشىككە ئوقتەك ئېتىلىپ ،
سۆزگە قان - ياش قېتىلىپ .
بوينىغا گىرە سېلىپ ،
ھارماڭ ، بالىكام دەپتۇ .
يىرتىق داستىخان ئېچىلىپ ،
گۈلە قاقلار چېچىلىپ ،
ھىجىردا چاي ئىچىلىپ ،
ئۆيگە ئادەم تولۇپتۇ ،
تۈنمۇ تامام بولۇپتۇ .
ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ،
مەزىن ئەزان ئېيتقاندا ،
سېيىت نوچى جامەدە
جامائەتنى كۆرۈپتۇ .
يىغلاپتۇ ھەم كۈلۈپتۇ .
ئۆيگە قايتىپ كېلىپتۇ ،
ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ .
پەستە تۇرۇپ قول باغلاپ ،
چاپان كىيىپ بەل باغلاپ ،
ئانىسىغا خۇش قاراپ ،
شۇنداق بىر سۆز قىلىپتۇ .
مەن يامۇلغا كىرەيمەن ،
ما تىتەينى كۆرەيمەن .
ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ،
ھۆرمەت سالام بېرەيمەن .
سوڭرە ئامانەت خەتنى ،
ئۆز قولىغا بېرەيمەن .
شۇنداق دەپ سېيىت ئاخۇن ،
ئىجازەتنىمۇ ئاپتۇ .
خۇداغا ئامانەت دەپ ،
ئانا ئىشىكتە قاپتۇ .
خەتنى ئوقۇپ ما تىتەي ،
باشنى ئاستا چايقاپتۇ .
يۇمشاق كۈلكىدىن نوچى ،
ھەر ئەھۋالنى بايقاپتۇ .
شۇندا تۇزچى بوۋاينى ،
دەررۇ يادىغا ئاپتۇ .
شۇ ئوي ، شۇ خىيال بىرلە ،
تىتەيگە قاراپ قاپتۇ .
سۇڭرە سۆزلەپ ما تىتەي ،
ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك دەپتۇ .
ئۈچ كېيىن يامۇلغا
سەن ئۆزەڭلا كەل دەپتۇ .
بىز كېڭەشنى پۈتتۈرسەك ،
پېشانەڭگە يېزىلغان
كارامەتنى كۆر دەپتۇ .
ئۈچىنچى كۈن سېيىت ئاخۇن ،
ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتۇ .
چۈشىدە تېخى شۇنچە ،
نۇرغۇنلا ئىش كۆرۈپتۇ :
چوڭ يولدا كېتىپ بېرىپ ،
قارا ئېتىنى كۆرۈپتۇ ،
ئويغىنىپ ئۇ ئويلاپتۇ ،
باش - ئاياغدىن ئويىنى .
دەرھال بېرىپ ھاممامغا ،
سۇغا ساپتۇ بويىنى .
ئانىسىغا سۆز قوشۇپ ،
دەپتۇ : سەندىن سورايمەن .
بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە كۈن ،
ئاپاق غوجامغا چىقىپ ،
ناماز ئوقۇپ كىرەيمەن .
ئانا بېرىپ ئىجازەت ،
ئىشىك تۈۋىدە قاپتۇ .
دۇئا بىرلە سېيىت ئاخۇن ،
ھەزرەت ياققا يول ئاپتۇ ...
ئاڭلىناتتى ھەر ياقتىن ،
دەرد - ئەلەم ، پىغان زارى ،
تاشۋايدەك راۋاپچىنىڭ ،
ئۈزۈلگەن يۈرەك تارى .
ئۈجمىلىك باغ ئەتراپى ،
ئايلىنىپتۇ مازارغا .
يالىڭاچ تەن ، يوقسۇللار ،
چىقالماپتۇ بازارغا
ئارىلاپ سېيىت نوچى ،
كۆردى ئەلنىڭ ھالىنى ،
بۇلاپ ئالغان ئاچ كۆزلەر ،
يۇرتنىڭ بار - يوق مالىنى .
كۆزى چۈشتى ھەر يەردە ،
ياخشى بىلەن يامانغا .
يۈرىكىدە ئوت ياندى ،
لەنەت ئوقۇپ زامانغا .
ھەممە يۇرتتا خار پۇقرا .
دەرد ئەلەمگە يار پۇقرا .
قان يىغلايدۇ ھەسرەتتە ،
بۇردا نانغا زار پۇقرا .
ئاھ ... خۇدايا ، ئالەمنى ،
ئۆزۈڭ ئالغان ھцددەڭگە .
رەھىم - شەپقەت قىلساڭچۇ ،
بىزدەك مىسكىن بەندەڭگە .
ئالىمىڭنى كەڭ قىلىپ ،
زامانەڭنى تار قىلىپسەن .
ئادىمىڭنى ئەلەملەپ ،
ئىت - ئېشەكتەك خار قىلىپسەن .
شاپائەت قىل قەشقەرگە ،
历史上的今天:
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى (ئىسلامىزىم) 2010-09-25ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ شىئېرىيەت ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻫﺒﻪﺕ 2010-09-25ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا 2010-09-25
收藏到:Del.icio.us