-
2010-09-25
سىيىت نوچى داستانى (3) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
ئاي، يىللار ئۆتۈپ مەزگىل ،
بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ .
شۇنداق بىر كۈن ئىچىدە ،
سېيىت نوچى چۈشىدە ،
ئانىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ .
قەشقەرگە كېتەيىن دەپ ،
مىسكىن ئانا قېشىغا ،
پات بېرىپ يېتەيىن دەپ ،
قېرىغان چېغى يېنىدا ،
خىزمەت قىلىپ ئۆتەيىن دەپ .
ئۆز قولىدىن ئېشىنى ،
بىر قوشۇق ئىچەيىن دەپ .
مانا شۇنداق ئويلاپتۇ ،
ئۆي بويىنى بويلاپتۇ.
دارېن ئالدىغا كىرىپ ،
ئىجازەتمۇ سوراپتۇ .
ئەلقىئىسە، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلەن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئەرزىنى بايان قىلدى:
قوي ئىزدەر قوزاسىنى ،
قوزىمۇ ئاناسىنى .
ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ،
سېغىنار ئۇۋاسىنى .
سېغىندىم يۈرەك - دىلدىن ،
ئانام مېھرىبانىمنى .
سېغىندىم __ ئېتى مەمەت ،
ئۇكامنى __ غەمگۇزارىمنى .
تۈمەن دەريا سۈيىدىن ،
تويغىچە يۇتاي دەيمەن .
غەمگۇزارىم ئانامنىڭ ،
ئالدىدا ئۆتەي دەيمەن .
يار بېشىدا ئولتۇرۇپ ،
راۋابىم چالاي دەيمەن .
غېرىب - غۇرۋا يارەننىڭ
كۆڭلىنى ئالاي دەيمەن .
قەشقەرگە باراي دەيمەن ،
مېھرىگە قاناي دەيمەن .
ما دارېن ئىجازەت بەر ،
يولغا ئاتلىناي دەيمەن .
ما دارېن شۇنداق جاۋاب بەردى:
ئىجازەت بېرەي دېسەم ،
مەن ساڭا چىدالمايمەن .
باشتىلا دىمەپمىدىم ،
سەندىن ئايرىلالمايمەن .
ئىجازەت بېرەي ، گاڭگۇڭ ،
چارەم يوق بۆلەك ياڭزا .
يوللۇقۇم بېرەي ياچەن ،
تېخى بىر چىلىم غاڭزا .
يالغۇز ئانىغا سەندەك ،
جان كۆيەر ئوغۇل لازىم .
ئالدىغا بېرىپ دەرھال ،
ئاڭا ئەيلىگىن تەزىم .
قەشقەردىكى تىتەيگە
خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .
جەتنى كۆرسە ما تىتەي ،
دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .
سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ،
قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت .
ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ،
مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .
بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ،
بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .
سېنى باشلىق قىپ قويار ،
تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ،
باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ،
ئويناپ - كۈلۈپ ئۆتەرسەن .
گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ،
مۇرادىڭغا يېتەرسەن .
بۇ يۇرتتىن كېتەر بولدۇڭ ،
ئىچىمگە سېلىپ ئوتنى .
ئەتە يولغا چىق گاڭگۇڭ ،
تەييارلاپ قوياي خەتنى .
ئەلقىسسە ، ما دارېن ئۇخلىماي خېتىنى يازدى ، گاڭگۇڭنىڭ ھايات يولىغا ئەجەل خەندىكى قازدى . ئەتىسى سېيىت نوچى بۇ خەتنى ئېلىپ ، قوينىغا قاتلاپ سېلىپ ، دارېن ئالدىدىن چىقىپ جاپاكەش پۇقرالارغا تويماي بېقىپ ، يۈرىكى شامدەك ئېقىپ شۇنداق دېدى :
خوش بۇرادەر ، يارەنلەر ،
بىللە ئويناپ ئۆتكەنلەر .
ئۆزرەمنى ئېيتىپ قالاي ،
قەشقەرگە كېتىپ قالاي .
داغى پەرزەئىت ئانامنىڭ ،
قان قېرىنداش ئۇكامنىڭ ،
مېھرىگە قېنىۋالاي .
قىلغان بڭلسام مەنمەنلىك ،
ئۆتكەن بولسا سەۋەنلىك ،
كەچۈرۈڭلار ، يۇرتداشلار ،
خەير - خوش ، قېرىنداشلار .
ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى يار - بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى . ئۇچتۇرپاندىن ئۇزاپ كەتكەندە ، مارالبىشىنىڭ تۇمشۇقىغا يەتكەندە نوچىنىڭ ئېتى شورلۇق يەرگە پاتتى . سېيىت نوچى ئاتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ تارتتى . تۇز ئارىتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ پاتقاقتىن ئامان چىققان بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ھالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . سېيىت نوچىغا ياردەملىشىپ ئاتنى تارتىۋالدى . تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
ئوغلۇم سېنىڭ چىرايىڭ ،
زەپمۇ ئىللىق كۆرۈندى .
ئېتىڭ پېتىپ شورلۇققا ،
جەۋىپتىن خەتەر بىلىندى .
سەپىرىڭدىن بىر گۇمان ،
ئايان بولدى كۆڭلۈمگە .
مەنزىلىڭگە يەتكۈچە ،
ئاگاھ بولغىن ئۆزۈڭگە .
ئېيتقىن نېمە قىسمەت بار ؟
سەپىرىڭدە ، ئىشىڭدا ،
ئۆتكەن قانداق خىسلەت بار ؟
سېنىڭ مىسكىن بېشىڭدا .
ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋايغا سەرگۈزەشتلىرىنى ھېكايە قىلىپ بەردى . ما دارېننىڭ خېتىنى قوينىدىن ئېلىپ پوتىسىغا مەھكەم تۈگدى .
تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
__ ھەي ئوغلۇم ، ئۇشبۇ خەتنى يېنىڭدا ساقلاپ يۈردۈڭمۇ ؟ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ كۆردۈڭمۇ ؟ بۇ زاماننىڭ ئامباللىرىدا ئىنساپ قالمىدى . نادانلىق قىلىپ ، تەۋەككۈل كەمىرىدە بېلىڭنى باغلىما ، دارېننىڭ خېتىنى سەل چاغلىما ، پالاكەت باسمىسۇن سېنى ، خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ باقايلى قېنى .
سېيىت نوچى ئېيتتىكى :
ئامانەتكە خىيانەت ،
نامەرد ئىشىدۇر .
پالاكەتنىڭ ئامرىقى ،
قورققاق كىشىدۇر .
ھاياتىمدا نامەرتلىك
قىلغان ئەمەسمەن .
جاننى ئالتۇن _ كۈمۈشكە ،
ساتقان ئەمەسمەن .
كەلسە ئەجەل ناۋادا ،
جاننى ئالادۇر .
سۇلار ئېقىپ ئاستىدا ،
تاشلار قالادۇر .
قەشقىرىمدا يارەن كۆپ ،
يالغۇز ئەمەسمەن .
كىمكى قىلسا يامانلىق ،
ئادەم دېمەسمەن .
历史上的今天:
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى (ئىسلامىزىم) 2010-09-25ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ شىئېرىيەت ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻫﺒﻪﺕ 2010-09-25ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا 2010-09-25
收藏到:Del.icio.us