ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-25

    سىيىت نوچى داستانى (2) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    نەگە بارسام ھەمرايىم،

    مېنىڭ راۋابىم .

    چالسام سازىم، مادارىم،

    قىلسام تاۋابىم.

    بىلمەك بولسام شۇ ساڭا،

    سۆزۇ جاۋابىم.

    ئەزىزانە قەشقەردىن،

    چىققان سېيىتمەن.

     

    پور بايۋەچچە دېدىكى: ئەي يۇرت - ماكانى يوق ھارامزادە، مەن بولسام ئارزۇلۇق بەگزادە، كىيىم سەرپايىلىرىم ئازادە، بەخت - دۆلەتتە ماڭا ھەرقانداق شاھزادە، مەن بولسام قاراشەھەردە ئاتالغان گاڭگۇڭمەن، نامۇ شۆھرەتتە رۇستىمى داستانىدىن چوڭمەن. قېنى كۈچ سىنىشايلى، بىر قەپەس ئېلىشايلى. گاڭگۇڭ بولساڭ مەيدانغا چۈش، چېلىشايلى .

    سېيىت نوچى دېدىكى: سەندىن قورقۇنچ، دىشۋارىم يوق. ساڭا ئاتار پەشۋارىم يوق. بىر پەس ئارام ئالغىلى قوي، ئىككى پەدە چالغىلى قوي.

    پور بايۋەچچە دېدىكى: پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى، يوقىتىسەن ھوشۇڭنى، بىر مۇشت بىلەن سېسىتاي جىگىرىڭنى - گۆشۇڭنى، باش ئۈستۈڭگە قوندۇراي، ئەجەل ماتەم قۇشۇڭنى !

    پور بايۋەچچە شۇ سۆزلەردىن كېيىن سېيىت نوچىغا شۇنداق بىر مۇشت ئاتتى. مۇشتى قاڭقىپ كېتىپ ئۆزى ئېغىناپ بىر ئازگالدا ياتتى، زەي -پاتقاققا پاتتى. شۇ ئىزاغا چىدالمىغان پور بايۋەچچە سېيىت گاڭگۇڭغا شۇنداق بىر پەشۋا ئاتقانىدى، بايۋەچچىنىڭ پۇتلىرى سېقىراپ كەتتى، كاللىسى پېقىراپ كەتتى ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ۋاي پۇتۇم ! >> دەپ چىرقىراپ كەتتى، ئۈنى بوغۇلۇپ خىرقىراپ كەتتى . يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ، توۋا قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ دېگەندەك ، پور بايۋەچچە پۈتۈن كۈچىنى كاللىسىغا يىغىپ سېيىت نوچىنىڭ مەيدىسىگە شۇنداق ئۇستىكى، بايۋەچچىنىڭ باش- كۆزى زىڭىلداپ كەتتى، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى، پېشانىسى ھۈررەكلەپ سېسىق تۇخۇمدەك لىغىرلاپ كەتتى. بايۋەچچىنىڭ بېشى دوقىدىن ئۆتۈپ سوقىغا ئايلىنىپ كەتتى. خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەن، قەددى پۈكۈلگەن ، يۈرەك چېكى سۆكۈلگەن پور بايۋەچچىنىڭ جېنى بوغۇزىغا قاپلاشتى، سېيىت گاڭگۇڭنىڭ ياقىسىغا كانىدەك چاپلاشتى. ھەي سېھىرگەي گاداي! ئۆزۈڭگە سۈرە ئەپسۇننى ئۇرۇۋاپسەن، ئادەم سىياقىغا كىرىۋاپسەن . يۈر يامۇلغا، مەن شۇ يەردە سىرىڭنى ئاچاي، باش- كۆزۈڭگە ئەدەپ دورىسى چاچاي!...

    سېيىت نوچى دېدىكى : مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم ئىدى. بۇنى ئۇقمايسەن. ئۈچ نۆۋەتنى ساڭا بەرسەم ئۆزۈڭنى سورىمايسەن، ئاستا دېسەم بەك دەيسەن، داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەيسەن، كۆرۈپ باق مېنىڭ كارامىتىمنى !

    سېيىت نوچى پور بايۋەچچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپلا شۇنداق بىر كۆتۈرىۋىدى، ئۇ يىلتىزى يوق سېسىق كۆتەكتەك، پاشنىسى يوق ئەسكى ئۆتۈكتەك يۇلۇنۇپ چىقتى. سېيىت نوچى ئۇنى بىر قولى بىلەن شۇنداق ئايلاندۇرۋىدى، ئەييۇھەنناس! چاقپىلەكمۇ ئۇنداق ئايلانماس، پىر - پىر - پىر ...!!! سېيىت نوچى ئۇنى قارا شەھەر دەرياسىغا شۇنداق ئېتىۋېدى، پور بايۋەچچە خۇددى داشقا چۈشكەن ماشتەك، تاغدىن چۈشكەن تاشتەك، كۆزدىن ئاققان ياشتەك، تۇز قوينىغان ئاشتەك، قىلىچ ئۆگەن باشتەك، دەريانىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا چۈشتى .

    ئەمدى گەپنى قاراشەھەر ئامباللىرىدىن ئاڭلايمىز: چېرىكلەر پور بايۋەچچىنى دەريادىن سۈزۈۋېلىشتى ، ئۆزلىرىنىمۇ ئازراق تۈزۈۋېلىشتى . دىيىشتىلەركى: سېيىت نوچى تولىمۇ قارام ئىكەن، ئۇنىڭ خۇسۇسىدا بۆلەكچە ئويلاش ھارام ئىكەن، كۈچ تۇرقىدا كۆڭلى ئارام ئىكەن، كەمبەغەل پۇقرالار ئۇنىڭغا رام ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشساق بىزگە خوۋلۇق بولماس ، چىرايلىقچە سوۋغا - سالام تارتۇق قىلىپ، بەزىسىنى ئارتۇق قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن بۇ زىياننى پۇقرالارغا چېچىپ بىرنى ئون قىلىپ ئۈندۈرۈۋالساق

    بۇ يامان نىيەتلىك غەرەزدىن سېيىت ئاخۇن تامامەن بىخەۋەر ئىدى. ئەتىسى ئۇلار قاراشەھەر ئېتىدىن بىرنى ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتۇپ: ھەي سېيىت نوچى، سېيىت گاڭگۇڭ! بالىلار سېنى رەنجىتىپ قويغان بولسا بىز ناماقۇل، سەپىرىڭدىن يانمىساڭ، شەھىرىمىزدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىساڭ دېيىشتى.

    سېيىت ئاخۇن بولىدۇ دەپ جاۋاب بېرىپ، يارۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سالدى، ئىلىئوغا قاراپ يول ئالدى:

     

     

    ئىلىخوغا بارماڭلار،

    يولى خەتەردۇر.

    زىمىستان قىش نەشتىرى

    جاندىن ئۆتەدۇر.

    مۇساپىرلار دەرتمەنلەر

    يولدا ياتادۇر .

    ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ،

    غەمگە پاتادۇر.

    ئىلىخوغا مەن بېرىپ،

    قالدىم بالاغا.

    ياغاق يۈزلۈك چېرىكلەر

    ئالدى ئاراغا.

    ئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇپ

    ئۇتتۇر چىشىنى.

    پەشۋا بىلەن مۇشت بىلەن

    ياردىم بېشىنى.

    ئىلى دەريا بويىدا

    چالدىم راۋابنى .

    جالاس ئەتتىم قۇل _ يىتىمنى،

    تاپتىم ساۋاپنى .

    قۇل _ يىتىمنىڭ ياتقان يېرى

    پىتلىق ئاۋاختا .

    قۇل- يىتىمغا ئاش بېرەركەن

    سۇنۇق تاۋاقتا .

    ئاۋاختىنى ئاي يورۇقى ،

    ئايدىڭدا چاقتىم .

    قوش قولۇمنى قېيىق قىلىپ

    دەريادا ئاقتىم .

    يىگىرمە ئالتە ياشىمدا ،

    كۈنلەر چۈشتى باشىمغا .

    ئەرزىمنى بايان ئەيلەي ،

    يارۇ دوست قاياشىمغا .

    ئەزىزانە قەشقەردە

    تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بويۇم بار .

    شەھەر كۆرۈپ يۇرت كۆرمەك ،

    ئىچكە تولغان ئويۇم بار .

    شەمۇشەنى ئايلىنىپ

    ئۈچتۇرپانغا كېپقالدىم .

    قولغا ئېلىپ راۋابنى ،

    ھەر پەدىگە چېپقالدىم...

    ئۇچتۇرپانلىق كцڭلىگە

    سېيىت ئاخۇن يېقىپ قالدى .

    ياقا يۇرتلۇق بولساممۇ

    سۆزلىرىم ئېقىپ قالدى .

    يەتتى بولۇڭ پۇشقاققا

    يېيىلىپتۇ ئاتىقىم .

    يول_ يول ئىكەن ھەر ياقتا ،

    ئەل -يۇرت بولدى ياتىقىم .

    خالايىقلار دەر ئىدى :

    سېيىت نوچى كەلگۈسى .

    ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىكى ،

    ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى...

    نائەھلىيلەر شۇ كەمدە ،

    ئىچى ئاداپ ھالىمغا .

    تۆھمەت توقۇپ ئۈستۈمدىن ،

    ئەرز قىپتۇ دارىنغا :

    سېيىت يۇرتنى ئازدۇردى ،

    ئوغرىلارنى جەم قىلىپ .

    سىزگە ئورا قازدۇردى ،

    بۇ يۇرتقا بالا تېرىپ .

    ئۇنى يوقىتىڭ دەرھال ،

    تۇخۇمى قۇرۇپ كەتسۇن .

    ئۇ يالاڭتوش غوۋغاچى ،

    يەر يۇتۇپ چىرىپ كەتسۇن...

    يالپاق بۇرۇن دوتەينىڭ ،

    رەڭگىرويى ئۆڭۈپتۇ .

    سېيىت توغرىلىق خىيالى ،

    ھەر كوچىغا مېڭىپتۇ .

     

    ھەممىگە ئايان بولغايكى، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ ئەسلىدە قەشقەرنىڭ دوتىيى بولۇپ، گېلاۋخۇيچىلارنى يوقىتىشتا داڭق چىقارغان چوڭ جاللات ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ سېيىت نوچىنى تونۇيتتى. بىراق قەشقەردىكى چېغىدا سېيىت نوچىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىدى. گاڭگۇڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقى ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى. لېكىن، ئۇ ئۇچتۇرپاندا سېيىت نوچىنى جايلىۋېتىشكە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن بۇ ھىيلىگەر يېڭى خىزمەت ئارقىلىق خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمەك خىيالىدا سېيىت نوچىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش كويىغا چۈشۈپ، كونا ھۈنۈرىنى ئىشقا سالدى :

     

    ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ،

    ئۇچتۇرپانغا خۇش كەپسەن .

    مەن كۆرۈپ دىدارىڭنى ،

    بولدۇم تولىمۇ خۇرسەن .

    تەڭ كەچكەن ئەمەسمىدۇق ،

    تۈمەن دەريا بويىنى .

    تەڭ ئىچكەن ئەمەسمىدۇق ،

    ئۇنىڭ شەربەت سۈيىنى .

    تەڭ ئاڭلاپ ئەمەسمىدۇق ،

    ھېيت - ئايەم كۈيىنى .

    بىللە كۆرۈپ كەلگەن بىز ،

    ئەزىز قەشقەر باغرىنى .

    ھېيت - ئايەمدە تەڭ ئاڭلاپ ،

    كانەي، سۇناي، ناغرىنى .

    قەشقەرلىكنى كۆرگەندە

    تەنگە سىغماي كېتىمەن .

    داستىخان سېلىپ ئالدىغا ،

    ئىززەت - ئېكرام ئېتىمەن .

    ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ،

    يۈرسەڭ ، ئوردىغا بارساڭ .

    ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالسا ،

    بۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالساڭ .

    ماقۇل سېيىت نوچى ،

    ئوردىدا تۇرۇپ قاپتۇ .

    پۈۋلەپ يەل بېرىش ، ماختاش ،

    جايىغا بېرىپ قاپتۇ .

    ئاق تەڭگە بىلەن چوكان ،

    كۈنمۇكۈن كېلىپ قاپتۇ .

    يالپاق بۇرۇن ما دارن ،

    ھەر ياڭزا كۈلۈپ قاپتۇ .


    收藏到:Del.icio.us