ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-25

    (1)سىيىت نوچى داستانى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ( تارىخىي داستان )

     

    قەشقەر خەلقنىڭ پىغانلىق كۆز يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمەن دەرياسى بويىدا ،

    كوزىچى يار بېشى قوينىدا سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى . ئۇ شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى، يولۋاس تاپىنىدەك ئالىقىنى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىب - غۇرۋا ، يېتىم يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشنا بىلدى. ئۇ ئونبەش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازادا بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى .

     

    ئەلگەك بىلەن ئۇن تاسقاپ،

    ئۆتمەكتە ئۆمۈر.

    ئەتىگەندىن كەچكىچە،

    ئەيلەيمىز خېمىر.

    خېمىر تاۋلاپ بولۇپتۇ،

    بىلەكلەر تۆمۈر.

    سېيىت نوچى گىردىسى دەپ،

    داڭقىم يېيىلدى.

    داستىخانغا دەرمان بولۇپ،

    ماختاپ يىيىلدى .

    بۇ گىردىنى ھەرياققا ،

    ئېلىپمۇ كەتتى .

    ئالدى ئاقسۇ، ئارقىسى

    يەكەنگە يەتتى .

    يېتىم -يېسىر باغرىنى ئۇ،

    ماكانى ئەتتى .

    نەچچە يىلدىن نىمكار ئىشلەش

    تەننى پىشۇردى .

    بىلەكلەرگە دەرمان بېرىپ

    قۇۋۋەت ئاشۇردى .

    بوزەك قىلسا بەگ - غوجاملار

    ئاجىز پۇقرانى .

    قانداق چىداپ تۇرالايدۇ

    سېيىت ۋىجدانى .

    ئاگاھ بەردى سېيىت كۆپ رەت ،

    ھۆكۈمران بەگكە .

    نەزەرگە ھېچ ئىلمىغاندا

    قېتىلدى سەپكە .

     

    ئەلقىسسە، ئايلار ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى. سېيىت ئاخۇن گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتالدى . قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايلار ، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى . سېيىت نوچىنىڭ ьستىدىن دادلاپ ماتىتەي ٭ نىڭ ئالدىغا بەگزادىلەرنىڭ ئەرز -شىكايىتى ياغدى .

    ئەمدى گەپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ:

     

    قارا ساچىم يەلپۈنۈپ

    قاشىمغا چۈشتى.

    تۈمەن سەۋدا بالالار

    باشىمغا چۈشتى.

    بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم

    گېلاۋخۇي ھاشىم٭

    چامباشلىقنى ئۆگەتتى ئۇ،

    جان - دوست ئاداشىم.

    گېلاۋخۇيغا جەم بولدۇق،

    دارىنغا قارشى.

    خىيانەتچى، پارىخور

    زالىمغا قارشى.

    بەلنى باغلاپ يەڭ تۈرۈپ،

    كۆتېردۇق غوۋغا.

    مەيلى دېدۇق بىزنى باغلاپ،

    ئاسسىمۇ دارغا .

    ھەر قەيەردە ئۈم بولۇپ ،

    باشلىدۇق جېدەل،

    ئەل ئاغزىدا داڭقىمىز

    بولۇپتۇ غەزەل .

    قەشقىرىمدە ماتىتەي

    يارلىق چۈشۈردى.

    سېيىت نوچىنى تۇتۇڭلار دەپ،

    بۇيرۇق چۈشۈردى.

    يوقىتىلدى گېلاۋخۇي

    زىنداندا ھاشىم.

    زۇلۇم، كۈلپەت قاينىمىدا،

    قېلىپتۇر باشىم.

    قەشقىرىمدە كۈن ئالماق،

    تەس بولدى، كەتتىم.

    ياۋا قۇشتەك ئايلىنىپ،

    ئاقسۇغا يەتتىم.

    قەشقەردىنمۇ بەك غېرىب،

    غۇرۋانە ئاقسۇ.

    خاراپزارلىق ئوچىقى،

    ۋەيرانە ئاقسۇ.

    راۋابىمنى ھەمراھ قىلىپ،

    يەتتىم كۇچاغا.

    ئالتە چۈرىك بىر بولۇپ

    ئالدى ئارىغا.

    ئالتە چۈرىك ئارىسىدا،

    شۇنچە مۇشتلاشتىم.

    قارا شەھەر دەرۋازىسىنى،

    پەشۋادا ئاچتىم.

    ئەمدى گەپنى قارا شەھەردىن ئاڭلايمىز :

    ئەلقىسسە، سېيىت گاڭگۇڭ قاراشەھەرنىڭ بىقىنىدىكى، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى ، دەريانىڭ ئېقىنىدىكى خوجۇلۇق بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى، زەخمەك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لەرزان چالدى، تەرەپ -تەرەپتىن كەلگەن ئەھلى جاپاكەش، مۇساپىر - ھوجاۋىرلار ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى. راۋاب ئاۋازى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە بىر ئوت سالدى .

    بىر چاغدا سېيىت نوچى شۇنداق قاراپلا ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارچە قارا بۇلۇتنى كۆردى . سېيىت ئاخۇن دېدىكى: بۇ خۇدانىڭ كارامىتىمۇ يا ئەزرائىلنىڭ مالامىتىمۇ؟ ياكى بىر كاساپەتنىڭ ئالامىتىمۇ؟... سېيىت ئاخۇن سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، كېلىۋاتقىنى قارا بۇلۇت ئەمەس، ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ ئىكەن. ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشەھەرگە نامى پۇر كەتكەن بىر زالىمنىڭ بالىسى پور بايۋەچچە دېگەن چۈلە - زاڭ ئىكەن، ئۇنىڭ ئەخمەقلىقى، پوچىلىقى پۈتۈن قارا شەھەرگە داڭ ئىكەن .

    پۇقرالار دېدىكى: ھەي سېيىت نوچى، سېيىت گاڭگۇڭ! ئالدىڭدىكى ئاتلىق پور بايۋەتچىدۇر، خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر، ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى قىرىق نەچچىدۇر، ئۇنىڭ يۆلەك - پاناھى چوڭ، خەلق ئالدىدا گۇناھى چوڭ، ئۆزىنى شىر سانايدۇ، نوچىلىقتىن تەمەسى چوڭ. ئۇنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتتەھەم لالما، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىپ قالما، بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ سالما، بەل تۇتۇشساڭ دەس كۆتۈر، يانپىشىڭغا ئالما !

    سېيىت نوچى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، پور بايۋەچچىنىڭ بىر قولىدا تىزگىن، بىر قولىدا قامچا، كەينىدە ئون نەچچە چېرىك غالچا، غالچىلار قولىدا نەيزە، كالتەك، ئارغامچا.

    پور بايۋەچچە سېيىت ئاخۇنغا قاراپ دىۋەيلەپ، ئۆز- ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، نېمە دەيدۇ قېنى، قامچىسىنى تەڭلەپ:

     

    قەيەرلىكسەن، نەلىكسەن؟

    ئاتىڭنى سۆزلە.

    راۋاب - زەخمەك قولۇڭدا،

    زاتىڭنى سۆزلە.

    ئاياغىمغا باش قويۇپ،

    دادىڭنى سۆزلە .

    قەيەرلىكسەن، قەلەندەر،

    دىۋانىمۇسەن؟

    يا بېشىڭغا كۈن چۈشكەن،

    سەرسانىمۇسەن؟

    ۋە يا دەچەن دەردىدە،

    ئاۋارىمۇسەن؟

    ياكى ئوغرى - بۇلاڭچى،

    قاراقچىمۇسەن؟

    قانداق غەرەزدە كەلدىڭ،

    ھالىڭنى سۆزلە .

     

    سېيىت ئاخۇن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كېلىشكەن قاپقارا بۇرۇتىنى بىر تولغاپ قويۇپ، نېمىدەپ جاۋاب بېرىپتۇ دەڭلار!

     

    ئەزىزانە قەشقەرنىڭ __

    سېپىل تېشىدىن.

    شېرىن شەربەت سۈيى بار،

    تۈمەن قېشىدىن.

    خۇمدانچىلار مەلىسى __

    كوزىچى يار بېشىدىن

    چىققان سېيىت ئىسىملىك __

    پېقىر يىگىتمەن.

    كىچىكىگە كىچىكمەن،

    چوڭىغا چوڭمەن.

    پىششىقىغا پىششىقمەن،

    توڭىغا توڭمەن.

    تەتۈرىگە تەتۇرمەن،

    ئوڭىغا ئوڭمەن.

    مىسكىنلەرنىڭ مۇڭدىشى،

    ئامراق يىگىتمەن .

    ئالداشنىمۇ ئۇقمايمەن.

    رەممال ئەمەسمەن.

    يا قەلەندەر - دىۋانە،

    ئابدال ئەمەسمەن.

    خەقنى ئۇرۇپ - سوقمايمەن،

    ئامبال ئەمەسمەن.

    يامىنىدىن قورقمايمەن،

    چەبدەس يىگىتمەن.


    收藏到:Del.icio.us